شىلىنغول ۋىلايىتىدىكى موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلدى

موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار 24-ماي نامايىش قىلىپ، موڭغۇل چارۋىچىنىڭ قاتىلىنى جازالاپ بېرىش ۋە يەرلىك موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

0:00 / 0:00

11-ماي، بىر خىتاي كۆمۈر شىركىتىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغول ۋىلايىتى ئۇجۇمچىن ناھىيىسى خورتىغول يېزا قوڭور كەنتىدە موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننى بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى خىتاي بولۇپ، ۋەقە شىلىنغول يايلىقىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپلا قالماستىن، ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان پۈتكۈل موڭغۇللار ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا زور تەسىر قوزغىدى.

بۈگۈن گېرمانىيە ئاۋازى، رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىلىنغول يايلىقىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ نامايىشى 24-ماي يەنە داۋاملاشقاندىن باشقا، شىلىنغول ۋىلايىتىدىكى 2000 ئەتراپىدىكى موڭغۇل ئوقۇغۇچى موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننىڭ قاتىلىنى جازالاپ بېرىش، موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.

mongghul-shilinghol-wilayitidiki-namayish1-385.jpg
شىلىنغول ۋىلايىتىدىكى موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 24-ماي. (RFA/méhriban)

ياپونىيىدىكى ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى كېرىد كۇۋاستگالت ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ نامايىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

كېرىد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىلىنغول ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 لەر ئەتراپىدا، شىلىنغول ۋىلايەت مەركىزىدىكى شىلىنغول شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپ، شىلىنغول ئۇجۇمچىن ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە شىلىنغول كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 2000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، شىلىنغول ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان ھەم ھۆكۈمەتكە 3 ماددىلىق تەلەپنامە سۇنغان.

كېرىد كۇۋاستگالت ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار سۇنغان تەلەپنامىدە، موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننى ئاپتوموبىلغا باستۇرۇپ ئۆلتۈرگەن خىتاي شوپۇر ھەم كۆمۈركان شىركىتىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىش، يەرلىك ھۆكۈمەت موڭغۇل چارۋىچىلىرىغا چۈشۈرگەن كۆمۈركان ئەتراپىدىكى 200مىڭ مو دائىرىدىكى ئوتلاقتا مال بېقىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن 11-ماي مەرگەننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش پاجىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ھەم 25-ماي موڭغۇل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئۆز ئەينى ھالدا شىلىنغول ۋىلايەتلىك تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە بېرىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھەم ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئادەم بەلگىلەپ، نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى تارقاپ كېتىشكە ئۈندىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېرىد ئەپەندى يەنە شىلىنغول ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا قوللانغان تەدبىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ قېتىم ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى نۇرغۇن ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلدى. ئەمما، بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلاردىن ئاشكارا ھالدا قولغا ئېلىنغانلار ھازىرچە يوق ئىكەن. ئاڭلىشىمىزچە، نامايىشقا چىققان شىلىنغول كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئىچىگە بەند قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن يەنە 200-300 گىچە ئوقۇغۇچى ساقچىلارنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، نامايىش قىلىۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار سېپىگە قوشۇلۇپتۇ.

بىز كېرىد ئەپەندى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يەرلىكتىن ئىگىلەش ئۈچۈن شىلىنغول ۋىلايىتىگە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما، شىلىنغول ۋىلايىتىگە قىلغان تېلېفونلىرىمىزغا «بۇ تېلېفون ئېتىۋېتىلگەن». ياكى «بۇ ئىشلىتىلمىگەن نومۇر» دېگەندەك ئاپتوماتىك جاۋابلار بېرىلدى.

بىز ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھىرىدىكى موڭغۇل زىيالىيسى ئالماس شىرنۇد ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئالماس ئەپەندى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، پۈتكۈل ئىچكى موڭغۇل دائىرىسىدە ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى، كوچىلاردا ساقچىلارنىڭ ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالماس ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، مەرگەننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە ئائىت خەۋەرلەرنى موڭغۇل تور بەتلىرىدىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن ئەتىگەن شىلىنغولدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا ئائىت خەۋەرلەر، چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەردە تور بېتىگە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، كەچقۇرۇن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 6 دىن كېيىن شىلىنغول ۋىلايىتىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ شىلىنغولدىكى تونۇشلىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى كېرىد كۇۋاسگالت ئەپەندى، شىلىنغول ۋىلايىتىدىكى تېلېفون ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ئەھۋالدىن تاشقى دۇنيانى خەۋەرسىز قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ھەم رايوندىكى موڭغۇللارغا قارىتا يەنە بىر قېتىملىق باستۇرۇش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىلگىرى «11-مارت تىبەت ۋەقەسى»، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» قاتارلىقلاردىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ رايونلاردىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن ھەم بۇ جەرياندا زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. مېنىڭچە بۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىنمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندىكى ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا قارىتا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە بۆلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-ماي چارشەنبە كۈنى سەھەر سائەت 3 لەردە شىلىنغول ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى خىتاي شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىلى تەرىپىدىن دەسسەپ ئۆلتۈرگەن مەرگەننىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان، مەرگەننىڭ ئانىسى ۋە ئايالى ساقچىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن جەسەتنى كۆيدۈرۈشكە قوشۇلغان. بۇ ئىشتىن غەزەپلەنگەن موڭغۇللاردىن نەچچە مىڭلىغان كىشى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە شىلىنغول ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جەسەتنى كۆيدۈرگىنىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، شىلىنغولدا موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشى يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

تۆۋەندىكى مەنبەلەردىن YouTubeقا قويۇلغان نامايىش كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەيسىز.

https://www.youtube.com/watch?v=9asStWAXpgo&feature=player_embeddedOpens in new window ]

https://www.youtube.com/watch?v=UgzWKFvkuU4&feature=player_embeddedOpens in new window ]