موڭغۇل دۆلىتى زامانىدا تىبەت نەدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ زېمىنى بولغان ئىكەن؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تارىخ يازدۇرۇپ 'تىبەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭگو تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى مىلادى 13 ‏ - ئەسىردىن باشلانغان' دەۋاتىدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىبەت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي - تىبەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كۆز گەپلىرىنى كەسكىن رەت قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.24

 ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇپ تەتقىقات ۋە يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىمۇ، دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە كەينى - كەينىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت تارىخى توغرىسىدىكى نەزىرىيىلىرىگە رەددىيە بەردى.

خىتاينىڭ 'مىلادى 13 ‏ - ئەسىردە تىبەت جۇڭگوغا قارايتتى' دېگىنى بىر غەلىتە گەپ

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە 'كۈزۈتۈش جۇرنىلى' دا كەينى - كەينىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، چىڭگىزخان دەۋرىدە، تىبەت خانلىقى موڭغۇللارغا قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان، ئەمما يەنىلا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ تۇراتتى.

خىتاي بەگلىكلىرى بولسا بۇ دەۋردە ئاللىقاچان چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي تارمار قىلىنغان ئىدى. ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى زاماندا 'جۇڭگو' دەپ بىر دۆلىتى بولمىغان خىتايلار ھازىر 'مىلادى 13 ‏ - ئەسىردە تىبەت جۇڭگوغا قارايتتى' دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيۋاتقانلىقى بىر غەلىتە ئىش.

يۈەن سۇلالىسى خىتاي دۆلىتى ئەمەس موڭغۇل دۆلىتى ئىدى

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ھەققىدىكى نەزىرىيىلىرىنى رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مىلادى 13 ‏ - ئەسىردىكى يۈەن سۇلالىسى خىتاينىڭ دۆلىتى ئەمەس، بەلكى ئۇ موڭغۇللارنىڭ دۆلىتى ئىدى. شۇ دەۋردە، چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ئوكتايخان ساجا ئىبادەتخانىسىنى گۈللەندۈرۈش يولى بىلەن تىبەتنى تولۇق دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە قىلغان ئىدى.

ئەينى زاماندا تىبەت شەكىلدە موڭغۇل دۆلىتىگە قارام بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ تۇرغان ئىدى. بۇ دەۋردە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ھەتتا تىبەتچىلىكمۇ دۆلىتى يوق تۇرسا، تىبەت نەدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسى بولۇپ قاپتىكەن؟

' رەڭلىك كۆزلەر' ۋە خىتايلار

--- چوڭ قۇرۇقلۇقتا موڭغۇللار قۇرغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە،‏ --- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، --- ‏ تارىخىي خاتىرىلەردە ' رەڭلىك كۆزلەر' دەپ ئاتىلىدىغان غەرب تەرەپتىكى مىللەتلەر ۋە تىبەتلەر ئالى دەرىجىلىك ئادەملەر دەپ ھېسابلىناتتى. خىتايلار بولسا دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن مىللەت ئىدى. ئەينى زاماندا موڭغۇللار چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى خىتايلارنىڭ  جەنۇبىي سوڭ دۆلىتىنى تارمار قىلىش ئۇرۇشىغا تىبەتلەرمۇ ياردەملەشكەن ئىدى.

‏ --‏- ‏ موڭغۇل - تىبەت مۇناسىۋىتىدە بارلىققا كەلگەن يەنە بىر پاكىت باركى، ‏ --- دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى -  موڭغۇللار خىتايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردە گەرچە تىبەتلەر موڭغۇللارغا بوي سۇنغان دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى زاماندا شۇقەدەر قۇدرەتلىك بولغان موڭغۇللار تىبەتلەرنىڭ لاما دىنىغا بوي سۇنغان ئىدى. پاكىتقا ھۆرمەت قىلغاندا، ‏ --- دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى - مىلادى 13 ‏ - ئەسىردە، موڭغۇللارنىڭ دۆلىتى، تىبەتلەرنىڭ دۆلىتى ۋە غەربتىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ دۆلىتى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى. ئۇ زاماندا خىتايلارنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلىتى بولمىغان.

مىڭ سۇلالىسى پەقەت خىتاينىڭ ئۆز دائىرىسىنىلا ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھاكىمىيەت ئىدى

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى ماقالىلىرىدا، موڭغۇل سۇلالىسىدىن كېيىن خىتايلار ئۆزى قۇرغان مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خىتاي - تىبەت مۇناسىۋىتىگە دائىر پاكىتلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخچىلىرى مىڭ سۇلالىسىنىمۇ تىبەتكە ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگەن دەپ 'دەلىل' كۆرسەتمەكتە.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىڭ سۇلالىسى بىلەن ئەتراپتىكى تىبەت قاتارلىق باشقا ئەللەر ئوتتۇرىسىدا سوۋغا تەقدىم قىلىشقان، خەت - مەكتۇپ ئەۋەتىشكەن، ساياھەت قىلىشقان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىگە خىتاينىڭ ئۇ جايلارغا ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزگەنلىكى دەپ بەلگە قويۇۋالغان. بۇنداق 'دەلىللەر' 1985 ‏ - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت پىلانغا كىرگۈزۈپ مەبلەغ ئاجرىتىپ نەشر قىلدۇرغان 'تىبەت جوڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى' ناملىق كىتابقا مۇجەسسەملەنگەن.

‏ --- خىتاي دېھقانلىرى قوزغىلىڭىنىڭ يېتەكچىسى جۇ يۈەنجاڭ قۇرغان مىڭ سۇلالىسى، ‏ --- دەيدۇ ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى - پەقەت خىتاينىڭ ئۆز دائىرىسىنىلا ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھاكىمىيەت ئىدى. مىڭ سۇلالىسى دېڭىز بويلىرىدىكى خىتايلارنىڭمۇ دېڭىزدىن سىرتقا ئۆتۈشىگىمۇ رۇخسەت قىلمايتتى. ئۇ دەۋردە، مىڭ سۇلالىسى بىلەن تىبەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئىگىلىك ھوقۇق مۇناسىۋىتى بولمىغان. بەلكى تىبەت ئەينى زاماندا 'مىڭ سۇلالىسى مەڭگۇ جازا يۈرۈش قىلمايدۇ' دەپ بېكىتكەن 15 دۆلەتنىڭ بىرى ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.