ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر ئايمىقىدا موڭغۇللار تۇتقۇن قىلىندى
2011.06.30
بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغول ئايمىقىدا موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننىڭ خىتاي كۆمۈركان شىركىتى ئاپتوموبىلى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى سەۋەبىدىن پۈتكۈل ئىچكى موڭغۇل دائىرىسىدە بىر ھەپتە داۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى. موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، 24-ئىيۇن ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر ئايمىقىدا موڭغۇللارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەردى.
باياننۇر ئايمىقىدىكى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى ھەم خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ موڭغۇللارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر، تۈنۈگۈن يەنى 29-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ «رېن-رېن» تور بېكىتىگە نامەلۇم شەخس تەرىپىدىن رەسىملىرى بىلەن چاپلاندى. خەۋەر تور بېتىگە قويۇلۇپ 1 سائەتتىن كېيىن ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ بۇ خەۋەر ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى ھەم جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق تارقىتىلىپ، بۈگۈن ئەتىگەن كۆپلىگەن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
«رېن-رېن» تور بېكىتىگە قويۇلغان خەۋەر ھەم چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، باياننۇر ئايمىقىدىكى قوغۇشۇن كېنى 1985-يىلى ئېچىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، يەرلىك موڭغۇللارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، موڭغۇللار ئارىسىدا ئاستا خاراكتېرلىك قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش كېسەللىرى كۆپەيگەن، يايلاقتا بېقىلىدىغان چارۋىلارنىڭ سانىمۇ زور مىقداردا ئازايغان. موڭغۇللار يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا رايوندىكى قوغۇشۇن كېنىنى تاقىۋېتىش ھەققىدە تەلەپنامە سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي كەلگەن. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان يەر ئۈستىدىكى ئېقىن سۇ قوغۇشۇن كېنىنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، قوغۇشۇن كېنى زور مىقداردىكى يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. نەتىجىدە رايوندىكى سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ كېتىپ، يايلاققا ئېقىپ كېلىدىغان سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغان.
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى باياننۇر ئايمىقىدىكى موڭغۇللار قوغۇشۇن كېنى خوجايىنلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قوغۇشۇن كېنى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، 23-ئىيۇنغىچە كان ئىدارىسى ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن موڭغۇللار 24-ئىيۇن قوغۇشۇن كېنىنىڭ سانائەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان 6-نومۇرلۇق سۇ تارتىش تۇرۇبىسىنىڭ سۈيىنى توختىتىۋەتكەن. 25-ئىيۇن، باياننۇر ئايمىقىنىڭ باشلىقى ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي ھەم باياننۇر ئايمىقى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باي يىڭ 50 تىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى خادىملىرىنى باشلاپ كېلىپ، يەرلىك موڭغۇللارغا قارىتا ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە بولغان.
چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىدىن ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق رەئىسى تېمتسېلت ئەپەندى، ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش كاتىپى كەرىئېد كۇۋاستگالت ئەپەندىلەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ۋەقە ھەم ئىچكى موڭغۇل ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى تېمتسېلت ئەپەندى نۆۋەتتىكى ئىچكى موڭغۇل ۋەزىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شىلىنغول ئايمىقىدا يۈز بەرگەن موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، كۆرۈنۈشتە موڭغۇللارغا نىسبەتەن كەڭچىلىك قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما جەنۇبىي موڭغۇلدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەم باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. باياننۇر ئايمىقىدىكى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى ئۇلار قوراللىق ساقچىلارنى باشلاپ كېلىپ باستۇردى. خەۋەرنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھازىر پۈتكۈل جەنۇبىي موڭغۇلدىلا ئەمەس خىتاي ئىچىدىمۇ تور بېكەتلىرىنى قامال قىلىپ، موڭغۇللار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى توسۇۋاتىدۇ. موڭغۇللارنى ئۆيمۇ- ئۆي تەكشۈرۈپ تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. بىز ھازىر ھەرقانداق بىر موڭغۇلغا تېلېفون قىلالمايمىز، ئۇلار بىز بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى موڭغۇللارنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ.
ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى تېمتسېلت ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان كونتروللۇقىنىڭ قاتتىقلىقىنى بىلدۈرۈپ، پات ئارىدا ئىچكى موڭغۇلدا 5-ئاينىڭ ئاخىرى يۈز بەرگەن زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىدەك نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى تۆۋەن بولسىمۇ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باياننۇر ئايمىقىدىكىگە ئوخشاش نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى كەرىئېد كۇۋاستگالت ئەپەندى، ئۆز بايانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقاچان رايوندىكى موڭغۇللارنىڭ تەلىپىنى ھەل قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە موڭغۇللارنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىنىمۇ قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇش يولى بىلەن رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن موڭغۇل خەلقى ئارىسىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كەرىد ئەپەندى مۇنداق دېدى: ھازىر ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا ئۇلار بۇ قېتىم ئاز دېگەندىمۇ 40 نەچچە ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان بۆلىشى مۇمكىن. 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان ئۇلار موڭغۇللارغا قاراتقان تۇتقۇن قىلىشنى توختاتقىنى يوق. بىر ئايدىن بۇيان بارلىق تېلېفونلار تاقىۋېتىلدى، بىز رايوندىكى موڭغۇللار بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتىمىز. ئۇلار ھازىر تور بېكەتلىرىنى قامال قىلىپ، تور بېكەتلىرىگە موڭغۇللارغا ئائىت خەۋەرلەرنى يوللىغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلماقتا. تۈنۈگۈن «رېن-رېن» تور بېكىتىگە بۇ خەۋەرنى يوللىغۇچىنىمۇ دائىرىلەر ئاللىقاچان تۇتقۇن قىلغان بۆلىشى مۇمكىن. ھازىر موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالى تولىمۇ جىددىي. ئەگەر ۋەزىيەت مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە رايوندىكى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بۇندىن كېيىنكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توختىماسلىقى مۇمكىن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدىكى تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ كۈچىيىشى بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولغان. 2008-يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن «11-مارت لخاسا ۋەقەسى»، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە 2011-يىلى ماينىڭ ئاخىرىدا ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشى قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىز سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدىكەن.