موڭغۇل زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى باستۇرۇشى يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

موڭغۇل ئاكتىپلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇل رايوندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان ھەم تىبەتتىكى باستۇرۇشقا ئوخشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.06.08
mungghul-shilinghol-namayish-305.jpg موڭغۇللارنىڭ 30- ماي دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيودا ئۆتكۈزگەن نامايىش.
RFA/méhriban

ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى 8-ئىيۇن كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغول ئايمىقىدا سوت ئېچىپ، موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننى ئاپتوموبىلغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن خىتاي كۆمۈركان شىركىتىنىڭ شوپۇرى لى لىڭدۇڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقىنى، ياردەمچى شوپۇر لۇ شىياڭدۇڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلدى.

يايلاق ھەم ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي كۆمۈر كان شىركىتى ئاپتوموبىلىنى توسقانلىقى ئۈچۈنلا ئاپتوموبىل شوپۇرى تەرىپىدىن قەستەن بېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن موڭغۇل چارۋىچى مەرگەن ۋەقەسى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئىدى. شېلىنغولدا باشلىنىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ باشقا جايلىرىغا تارالغان بۇ قېتىمقى ۋەقەدە موڭغۇللار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن موڭغۇل خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى، يايلاق ۋە يۇرت-ماكانلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن موڭغۇللارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى موڭغۇلدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، نامايىش قىلغان موڭغۇللارنى جىددىي سۈرۈشتۈرۈپ تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئوقۇغۇچى، ئاھالە ۋە موڭغۇل چارۋىچىلاردىن بولۇپ 100 دىن كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. شېلىنغول ئايمىقىنىڭ ئۆزىدىلا تەخمىنەن 40 تىن ئارتۇق موڭغۇل چارۋىچى ۋە ئوقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنغان. پايتەخت كۆكخوت شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق نامايىشتا ئوقۇغۇچى ۋە ئاھالىلەردىن بولۇپ 50 تىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان.

شۋېتسىيىدىكى موڭغۇل پائالىيەتچىسى دولگون ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سىرتقى دۇنياغا موڭغۇل چارۋىچىسى مەرگەننى ئۆلتۈرگەن قاتىللارنى جازالىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نامايىش ئېلىپ بارغان موڭغۇللارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دولگون ئەپەندى مۇنداق دېدى، «خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايون ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ غەزىپىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، كۆرۈنۈشتە موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننىڭ قاتىلىنى جازالىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىچكى جەھەتتە موڭغۇللارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەم باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا. خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن كىرگەن ھەربىي قوشۇنلىرى ھېلىمۇ ئىچكى موڭغۇلدا كوچىلاردا تانكىلار بىلەن چارلاش ئېلىپ بارماقتا. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ موڭغۇللار ئاچقان تور بەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاقىۋېتىپتۇ. پۇقرالارغا يەنە تېلېفون ئۇچۇرلىرىدا 4 تىن ئارتۇق ئۇچۇر يوللىغانلارنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلۇپتۇ. ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئاھالە ۋە موڭغۇل چارۋىچىلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلىپتۇ. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا خەلقئارا تور بەتلىرىگە ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ھەم رەسىملەرنى يوللىغانلار شۇنداقلا مەن بىلىدىغان بېلىگە باتۇر ۋە بالچۇلۇ ئىسىملىك ئىككى تور يازغۇچىسىمۇ بار ئىكەن.»

موڭغۇللارنىڭ بىر ھەپتە داۋاملاشقان نامايىشىدىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتلىرىدا، ھۆكۈمەتنىڭ موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان قاتىلنى قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقىنى، يايلاق ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، ئەمما ۋەقەنى چوڭايتىپ، نامايىشنىڭ كېڭىيىشىگە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئاز ساندىكى كىشىلەرنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دولگون ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن نامايىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم ئىچكى موڭغۇلدا قوللانغان ۋاسىتىسىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن تىبەت ھەم شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلار نامايىشىنى باستۇرۇش ئۇسۇلىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىكى نامايىشقا قارىتا 2008‏-يىلى 3‏-ئايدىكى لاسا ۋەقەسىدە تىبەتلەرنى، 2009‏-يىلى 7‏-ئايدىكى ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندەك ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا كەڭ كۆلەملىك قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى خاراكتېر جەھەتتىن يەنىلا چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن بولغان، ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى دەپ بېكىتىشىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ موڭغۇللار نامايىشىدىن كېيىن بۇ يەردىمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەم تىبەتتىكى باستۇرۇشقا ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ بېشارىتى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا رايوندىكى تۇتقۇن قىلىش ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا. مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ زور كۆلەملىك نارازىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان قاتىلنى جازالاپ، ئاندىن نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنى قاتتىق جازالاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.»

بۇ قېتىم ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن موڭغۇللار نامايىشىدىن كېيىن، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، تىبەت ھەم موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ئامىللىرىغا مەركەزلەشتى.

بۈگۈن ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئوبزور ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. بۇلاردا ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتى ھەم ھازىر بۇ مىللەتلەر رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەربنى ئېچىش نامىدا رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا توشۇش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللار رايونىغا كۆپلەپ كۆچۈرۈش، بۇ مىللەتلەرگە قاراتقان تىل،مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، دىن قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختاتمىسا، بۇ مىللەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.