موڭغۇل يازغۇچىسى ئۇناگا ئىچكى موڭغۇلدا مەخپىي تۇتۇلدى

خەرەئىد خۇۋىسگالت ئەپەندى ئۆتكەن ئايدا تۇيۇقسىز غايىب بولغان موڭغۇل يازغۇچىسى ئۇناگانىڭ ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىدىن ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى خەرەئىد خۇۋىسگالت ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ئايدا تۇيۇقسىز غايىب بولغان موڭغۇل يازغۇچىسى ئۇناگانىڭ ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. خەرەئىد خۇۋىسگالت ئەپەندى يەنە ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادانىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ، قويۇپ بېرىلىشى كېرەك بولسىمۇ، ئۇنى ئائىلىسى بىلەن داۋاملىق نازارەت ئاستىغا ئالغاندىن باشقا، ئىچكى موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇل زىيالىيلىرىنىمۇ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ھەم سوتلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىدىن ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى خەرەئىد خۇۋىسگالت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادانى داۋاملىق نەزەربەند قىلغاندىن باشقا، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم زىيالىيلىرىغا قارىتا يەنە بىر قېتىملىق تۇتقۇن قىلىش، سوتلاش، تەقىب ئاستىغا ئېلىشنى كۈچەيتكەن.

خەرەئىد خۇۋىسگالت ئەپەندى ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان يازغۇچى ئۇناگانىڭ يەنە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

كھەرەئىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى ئۆز بايانىدا، موڭغۇل يازغۇچىسى ئۇناگانىڭ بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 17-كۈنى يېڭى كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىش پائالىيىتىدىن بىر كۈن ئىلگىرى تۇيۇقسىز غايىب بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىزدىشى نەتىجىسىدە ئۇناگانىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىدىكى 1- تۈرمىگە قامالغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

خەرەئىد خۇۋىسگالت: "ئىگىلىشىمىزچە، بۇلتۇر 16-دېكابىردىن باشلاپ، يازغۇچى ئۇناگا ئەپەندى تۇيۇقسىز غايىب بولدى. بىز ئىچكى موڭغۇلدىكى مۇناسىۋەتلىك ئادەملىرىمىز ھەم يازغۇچىنىڭ دوستلىرى ئارقىلىق ئۇنى ئاز كەم بىر ئاي ئىزدەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي قولغا ئېلىنىپ، ھازىر ئىچكى موڭغۇل كۆكخوت شەھىرىدىكى 1- تۈرمىگە قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. ئىگىلىشىمىزچە ئۇناگا ئەپەندى بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ "مۇستەقىل بىرلىكسەپ" ناملىق يېڭى كىتابى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى "قانۇنسىز كىتاب نەشر قىلدۇرغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپتۇ. بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتورنىڭ يېڭى كىتابىدا ئىچكى موڭغۇل مەسىلىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دائىرىلەر بەلكىم ئۇنىڭغا دۆلەتنى پارچىلاش دېگەنگە ئوخشاش باشقا جىنايەتلەرنىمۇ ئارتىشى مۇمكىن. ھازىر بىز ئاپتورنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتىمىز."

خەرەئىد خۇۋىسگالت ئەپەندىنىڭ موڭغۇل يازغۇچىسى ئۇناگا ھەققىدە رادىئومىزغا يوللىغان ماتېرىيالدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇگانا ئەپەندى 1971- يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېردوس شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئىچكى موڭغۇل مىللىي دارىلمۇئەللىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1992-يىلى ئۆزىنىڭ ئىككى نەپەر موڭغۇل دوستى بىلەن تاشقى موڭغۇلىيىگە قاچقان چېغىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون چېگراسىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى تەرىپىدىن 8 ئايلىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1999-يىلى نەسرلەر توپلىمى"تۈرمە سىرتىدىكى مەھبۇس" ناملىق نەسرلەر توپلىمىنى نەشر قىلغان. ئاپتور كىتابىدا 1997-يىلى 9- ئايدا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ھەققىدىكى قارار لايىھىسى، ھەم موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادانىڭ ناھەق تۈرمىگە قامالغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبنامىسىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرغىنى ئۈچۈن، 1999-يىلى 2-قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىدە ئۇزۇن مۇددەت ياتقان. يازغۇچى ئۇناگا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 2003- يىلى خوڭكوڭدا "شائىرنىڭ كۆز يېشى" ناملىق شېئىر-نەسرلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، موڭغۇللار ئارىسىدا تونۇلغان يازغۇچىلاردىن ئىكەن.

خەرەئىد خۇۋىسگالت ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، يېقىندىن بۇيان ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قاراتقان نەزەربەند، تۇتقۇن قىلىش ھەم سوتلاش ئىشلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەرەئىد خۇۋىسگالت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 10-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما بىر ئايدىن بۇيان خادا ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يەنىلا مەلۇم مېھمانخانىدا نەزەربەند ئاستىدا ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى باتۇر جاڭگامۇ 2011-يىلى 15- يانۋاردىن باشلاپ سوتلىنىشقا باشلىغان.

خەرەئىد خۇۋىسگالت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: "باتۇر جاڭگا 1999-يىلى چىڭخەي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلاش ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلدىكى ئېردوس شەھىرىدە "ئېردوس موڭغۇل-تىبەت تېبابەتچىلىك مەكتىپى"نى ئېچىپ، نامرات موڭغۇل بالىلىرى ھەم تىبەت بالىلىرىنى ئوقۇتقان. 2008-يىلى 11-مارت تىبەت ۋەقەسىدىن كېيىن دائىرىلەر بۇ مەكتەپنى مەجبۇرى تاقاتقۇزۇۋەتكەن. مەكتەپ مۇدىرى باتۇر جاڭگا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ 2009-يىلى 5-ئايدا تاشقى موڭغۇلىيىگە قېچىپ بېرىپ، شۇ يەردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي پاناھلانغۇچىلار ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن، موڭغۇلىيە دائىرىلىرى موڭغۇل پائالىيەتچىسى باتۇر جاڭگانى 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 4- كۈنى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ يىل 15- يانۋاردىن باشلاپ ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى باتۇر جاڭگا ئۈستىدىن سوت ئېچىشقا باشلىدى. ئەجەبلىنەرلىكى دائىرىلەر بۇ قېتىم باتۇر جاڭگانى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىمەستىن ئۇنى ئالدامچىلىق جىنايىتى، قەستەن مەبلەغنى ئىسراپ قىلىش جىنايىتى، قانۇنسىز پۇل توپلاش جىنايىتى، مەبلەغنى قانۇنسىز يۆتكەپ ئىشلىتىش جىنايىتى قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلىمەكتە. مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى مەسىلىسىدە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان ھىيلە-نەيرىڭى. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەم تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى ئەيىبلەشتىمۇ ئوخشاش ۋاسىتە قوللانغان ئىدى."

خەرەئىد خۇۋىسگالت ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادا، يازغۇچى ئۇناگا، ھەم باتۇر جاڭگاغا ئوخشاش موڭغۇل زىيالىيلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىش ھەم خىتايدىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. شۇنداقلا غەرب دېموكراتىك ئەللىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى خىتايدا بارغانچە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.