موڭغۇل يازغۇچىسى بايكۇت: ۋەدىنى بۇزۇش خىتاي ئۈچۈن ئەنئەنە

خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى يەنى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ئوڭشىمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، چەتئەلدە ياشاۋاتقان موڭغۇل زىيالىيلىرىدىن بايكۇت ئەپەندى، خىتاي ئۈچۈن ۋەدىسىنى بۇزۇشنىڭ يېڭى ئەھۋال ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ماقالە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ماقالە بۈگۈن خىتايچە تورىدا ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىشتىن ئاۋۋال، ئاساسىي قانۇنىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تونۇغانلىقى، بۇ ئارقىلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ زىيالىي ۋە ئىنقىلابچىلىرىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، 1949 ‏ - يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بۇ ۋەدىسىدىن تامامەن يانغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى 1934 ‏ - يىلى 11 ‏ - ئاينىڭ 7 ‏ - كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ رۈيجىن شەھىرىدە، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى نامىدا تۇنجى ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن. 1934 ‏ - يىلى 1 ‏ - ئايدا، 2 ‏ - نۆۋەتلىك جۇڭخۇا سوۋېت ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ئېچىپ، جۇڭخۇا سوۋېت ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرىگە قويغان. لايىھە قۇرۇلتايدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.

مەزكۇر ئاساسىي قانۇننىڭ 4 ‏ - ماددىسىدا " جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بارلىق ھەق - ھوقۇقلىرىدا باراۋەردۇر" دېيىلگەن. قانۇننىڭ 14 ‏ - ماددىسىدا بولسا، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئۆز دۆلەت تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تونۇيدۇ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا، جۇڭگودىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ دېيىلگەن. مەزكۇر ماددا يەنىمۇ كونكرىتلاشتۇرۇلۇپ مۇنداق ئىزاھلانغان: موڭغۇللار، مۇسۇلمانلار، تىبەتلىكلەر، مياۋزۇلار، قىسقىسى خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر جۇڭگو سوۋېت جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئاپتور بايكۇت، ئاساسىي قانۇننىڭ بۇ ماددىلىرىنى، 1985 ‏ - يىلى بېيجىڭدا نەشر قىلىنغان، " شەنگەننىڭ يىغىن ھۆججەتلىرى" ناملىق تارىخ ماتېرىياللىرى توپلىمىنىڭ 23 ‏ - ۋە 25 ‏ - بەتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يالغان ۋەدە بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنى ئالداش ۋە قايمۇقتۇرۇش يولى بىلەن ئۆزىگە بويسۇندۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. ئاپتور يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەينى چاغدا ئۆزلىرى ۋەدە قىلغان ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان موڭغۇل، ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى بۆلگۈنچى دەپ جازالاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا، باشقا مىللەتلەرگە مۇستەقىللىق ۋەدىسى بىلەن كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ مۇھىم ئەسلىمە تېمىسىدۇر. تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ، ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن سىمنارىيىلەردە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مەزكۇر ۋەدىسىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ۋە ئۇ ۋەدىنى، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەسلىكىنىڭ يەنە بىر ئېتىراپى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان ئىدى.

نۆۋەتتە بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەدىنىڭ خىتاينىڭ ئولىمپىك ۋەدىسى ئەمەس، بەلكى جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قانۇنىدا بېرىلگەن ۋەدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.