رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت قاتارلىق جايلىرىدا خىتاي ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ تانكىلىرى كوچىلاردا چارلاش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىدىن ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى كەرىېد كۇۋاسگالت ئەپەندى ھەم جەنۇبى موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزى خادىمى دۈگۈرجاب ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلدا پارتلىغان موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا قاراتقان قامالى بارغانچە كۈچەيمەكتە ئىكەن.
ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى كەرىېد كۇۋاسگالت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغول ئايمىقى، كۆكخوت شەھەرلىرىدە جىددىيلەشكەن ۋەزىيەت، 30-مايدىن باشلاپ پۈتكۈل ئىچكى موڭغۇل رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيگەن.
كەرىېد ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ رايوندىن ئىگىلىگەن ئەھۋالنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىچكى موڭغۇلغا 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان 38-ئارمىيىسىنى يۆتكەپ كەپتۇ. ئىچكى موڭغۇلدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە نورمال پائالىيەتلەر چەكلىنىپ، مەكتەپلەرگە ئەسكەرلەر ئورۇنلىشىپتۇ. يەرلىك دائىرىلەر پۈتكۈل ئىچكى موڭغۇل رايونىدا بۇ خىل جىددىي ھالەتنىڭ 6-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىچكى موڭغۇلدىكى تېلېۋىزىيە ھەم يەرلىك گېزىتلەردە ئۇقتۇرۇش قىلىپتۇ. ئىچكى موڭغۇلدا زىيارەت قىلىۋاتقان چەتئەل مۇخبىرلىرى بىزگە بەرگەن ئۇچۇرلاردىن رايون ۋەزىيىتىگە ئائىت ئەھۋاللاردىن خەۋەر ئېلىۋاتىمىز. ئەمما، ھازىر ئىچكى موڭغۇلنىڭ سىرت بىلەن بولغان بارلىق تېلېفون ئالاقىلىرى ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن رايوندىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇمات ئېلىشتا قىينىلىۋاتىمىز.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىگە ئۇچۇر بەرگەن بىر خىتاي پۇقراسى ئۆزى ئىچكى موڭغۇلدا كۆرگەن ئەھۋالدىن بەرگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇلدا جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ، قوراللىق ساقچىلار كۆپەيتىلىپلا قالماستىن، خىتاينىڭ ھەربىي تانكا-برونېۋىكلىرى شەھەر كوچىلىرىدا چارلاشنى كېچە-كۈندۈز داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.
خىتاي پۇقراسى: كۆكخوت شەھىرىدىن پويىزغا چىققىنىمىزدا، كۆكخوت پويىز ئىستانسىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك ھەربىي ھالەتتە تۇرغىنىنى كۆردۈم. ۋوگزالدىكى ئالاھىدە ساقچى خادىملىرى ئوق ئۆتمەيدىغان كىيىملەرنى كىيىپ، قوللىرىدا ئاپتوماتلارنى تۇتقان ھالدا، قوراللىرىنى يولۇچىلارغا قارىتىپ تۇرۇپتۇ. پويىز لوڭخۇا شەھىرىگە كەلگەندە بولسا كوچا چارلاشقا چىققان تانكىلارنى كۆردۇق، كوچىلاردا قاتار-قاتار ساقچى ئاپتوموبىللىرى، سانجاق-سانجاق ئەسكەرلەر سەپ بولۇپ چارلاش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
بۇ بۇ خىتاي پۇقراسى يەنە ئۆزىنىڭ بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن چاغدىكى تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، بېشىم ئايلىنىپ كەتتى ۋە خىزمەتداشلىرىمغا شۇنداق دېدىم، بۇلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئەسلى خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇلار خەلقتىن قورقۇپ بۇ ھالغا كېلىپ قاپتۇ.
مەركىزى نيۇ-يوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خادىمى دۈگۈرجاب ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ رايون ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلدى.
دۈگۈرجاب ئەپەندى رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندىكى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى قامال قىلغىنى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە شىلىنغول ئايمىقىدا قولغا ئېلىنغان 40 نەچچە موڭغۇل چارۋىچىدىن باشقا، يېڭىدىن قولغا ئېلىنغان كىشىلەر ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى مۆلچەر قىلغاندىن كۆپ بۆلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رادىئومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىر خىتاي پۇقراسى يەنە شىلىنغول ئايمىقى تەۋەسىدىكى دۇكانلاردا ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، پۇقرالارغا ھاراق سېتىش چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ يەردە قاۋاقخانا ھەم ھاراق دۇكانلىرىدا ھاراق سېتىشنى چەكلەۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ ھاراق ئىچىپ جېدەل چىقىرىشىدىن ئەنسىرەۋاتسا كېرەك.
دۈگۈرجاب ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شىلىنغۇل ئايمىقىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ئورنىغا، پۇقرالارغا قارىتا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى چىقىرىپ، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قاتمال ھالەتكە ئەكېلىپ قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۈگۈرجاب ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشىغىمۇ، ئىلگىرى تىبەت ھەم شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى باستۇرۇشقا ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۈگۈرجاب ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر موڭغۇللارغا قارىتا، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى ھەم تىبەتلەرنى باستۇرغانغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، قاتتىق قول ۋاسىتە ئارقىلىق رايون ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى سەۋەنلىكلەرنى ھەم رايوندىكى موڭغۇللارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا، رايوندا يۈز بەرگەن موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى «چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن ئاز ساندىكىلەرنىڭ قالايمىقانچىلىقى» دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك باستۇرۇش ئۈچۈن باھانە ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.