موسكۋادا خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى نامايىش

رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىدە 1 - فېۋرال كۈنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى بولۇپ ئۆتتى. رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش رۇسىيىدىكى بىر قانچە مىللەتچى پارتىيە ۋە گۇرۇھلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، "قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى" ۋە "سلاۋىيانلار بىرلەشمىسى " دەپ ئاتالغان تەشكىلاتلار مەزكۇر نارازىلىق پائالىيىتىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان.

0:00 / 0:00

نامايىشنىڭ مەقسىتى

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە كەڭ تارقىلىشى، بولۇپمۇ، يىراق شەرققە ماكانلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ جايلارنىڭ سودا - ئىقتىساد ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، بەلگىلىك سالاھىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەزكۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى، خىتاي جىنايى گۇرۇپپىلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان تېمىلار بولۇپ كەلمەكتە. قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى رۇسىيە جامائەتچىلىكىنىڭ ئىنكاسلىرىدىن ئىزچىل ئورۇن ئالماقتا.

1 - فېۋرال كۈنى، موسكۋا شەھىرىدىكى ۋيېتنام كوممۇنىستلىرىنىڭ داھىيسى خۇ جىمىننىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان كىچىك خاتىرە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر نامايىش مەخسۇس خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغان تۇنجى قېتىملىق بىر قەدەر كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئىنتېرفاكىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "سلاۋىيانلار بىرلىكى" دەپ ئاتالغان ئەسەبىي مىللەتچى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى دمىترىي دېمۇشكىن مەزكۇر نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، "نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى يىراق شەرقتىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، بىز ئۇ جايدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىمىز" ، دېگەن. ئۇ، يەنە " يىراق شەرق رۇسىيىنىڭ زېمىنى، خىتايلار ئۇ يەرگە زور تۈركۈمدە كۆچمەن بولۇپ كەلمەكتە، بۇ خۇددى ئالبانلارنىڭ سېربىيىنىڭ كوسوۋا رايونىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەندەك، كەلگۈسىدە يىراق شەرقنىڭ كوسوۋاغا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا، رۇسىيىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ خۇددى يىراق شەرقتىكىگە ئوخشاش خىتاي كۆچمەنلىرىدىن تەركىپ تاپقان جايلارنىڭ پەيدا بولماسلىقى كېرەك، ھازىر سانكىتپېتېربۇرگدا قۇرۇلۇۋاتقان " گۆھەر بالتىق" دەپ ئاتالغان تۇرالغۇ جاي نۇقتىسى ئەنە شۇ خىتاي كۆچمەنلىرى مەھەللىسىدىن ئىبارەت ئىكەن.

فاشىستلار نىشاننى بۇ قېتىم خىتاي كۆچمەنلىرىگە بۇرىدى

"سلاۋىيانلار بىرلىكى" دەپ ئاتالغان تەشكىلات ئەمەلىيەتتە رۇسىيىدىكى ئەڭ ئەسەبىي فاشىستلار پارتىيىسى بولۇپ، ئۇلار 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گىتلېرنىڭ فاشىستىك پارتىيىسىنىڭ قول كۆتىرىپ سالام بېرىش ھەرىكىتى ۋە بەلگىلىرىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار "رۇسىيە پەقەت رۇسىيىلىكلەر ئۈچۈن" دەيدىغان ئىدىيە بويىچە رۇسىيىدە تۇپرىقىدا كاۋكازىيە، ئوتتۇرا ئاسىيالىق، قارا تەنلىك ھەم باشقا سىلاۋىيانلارغا ئوخشىمايدىغان تىپتىكى ئادەملەرنىڭ ياشىشىغا رۇخسەت يوق، دېگەن تەشەببۇسنى تەرغىپ قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردا موسكۋا، پېتىربۇرگ ۋە باشقا رۇسىيە شەھەرلىرىدە ئەۋجى ئالغان تاقىرباشلارنىڭ قارا چاچلىق كىشىلەرنى ئۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ مەزكۇر "سىلاۋىيانلار بىرلىكى " بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق پاكىت بولمىسىمۇ، لېكىن تاقىرباش ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن. ئىلگىرى تاقىرباشلارنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە كۆچمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى كاۋكازىيىلىكلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بولغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، " سىلاۋىيانلار بىرلىكى" ئىلگىرى مەخسۇس خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم مەخسۇس خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى نامايىش تەشكىللىشى كەلگۈسىدە خىتايلارنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

موسكۋادىكى ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ۋېرخوۋسكىينىڭ ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئەسەبىي مىللەتچى كۈچلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى پائالىيەتلىرىدە ھېچقاچان خىتايلارنى تىلغا ئالمىغان، شۇڭا نېمە سەۋەبتىن رۇسىيىدىكى مەزكۇر يېڭى ناتسېستلار پارتىيىسىنىڭ تۇيۇقسىزلا خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە رۇسىيە - خىتاي چېگرا مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش تەس. بىراق، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، " پۈتۈن رۇسىيە دائىرىسىدىن قارىغاندا، باشقا كۆچمەن گۇرۇپپىلارغا قارىغاندا، خىتايلار بىر قەدەر ئاز ھۇجۇم نىشانى بولماقتا. گەرچە ئەسەبىي مىللەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتايلار ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى ئەمەس."

نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ خىتايلارغا قاراتقان كۆچمەن سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

نامايىشچىلار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان كۆچمەن سىياسىتى، جۈملىدىن باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا يىراق شەرقتىكى بىر قىسىم رۇسىيە زېمىنلىرىنى خىتايغا بەرگەنلىكى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يىراق شەرقتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە نىسبەتەن قاتتىق چارە تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ موسكۋادىكى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "سلاۋىيانلار بىرلىكى"نىڭ باشلىقى دمىترىي دېمۇشكىن سۆزىدە، "يىراق شەرق ئۈچۈن ئېيتقاندا خىتاي كۆچمەنلىرى بىرىنچى نومۇرلۇق مەسىلە، بىراق موسكۋا ۋە پېتىربۇرگ ھەم رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرىدا قىسىمى ئاساسلىق كاۋكازىيىلىكلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە، دۇنياۋى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ئېغىرلاشقانسېرى، بۇ كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىمۇ كۆپىيىدۇ" دېگەن .

رۇسىيە فاشىستلىرىنىڭ مەزكۇر باشلىقى يەنە ئەينى ۋاقىتتا پۇتىننىڭ بلاگاۋېشىنسكىي شەھىرىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايىدىكى ئارالنىڭ بىر قىسىمىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، رۇسىيە مىللەتچى كۈچلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي ۋە رۇس مىللەتچىلىرى بىر - بىرىگە ئۆچ

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن 18 يىلدىن بۇيان رۇسىيە تۇپرىقىغا زادى قانچىلىك خىتاي كۆچمەنلىرى كېلىپ ماكانلىشىپ قالغانلىقى ئېنىق ئەمەس، بۇ ھەقتىمۇ تۈرلۈك پەرەز خاراكتېرلىق سانلىق مەلۇماتلار بار. بەزىلەر خىتايلارنىڭ بىرقانچە مىليوندىن ئاشقانلىقىنىمۇ پەرەز قىلىشىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم رۇسىيە نوپۇسشۇناسلىرى مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، كەلگۈسىدە خىتاي تىلىنىڭ رۇسىيىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تىللارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپ نوپۇسلۇق مىللەت سۈپىتىدە رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى دەۋا قىلىشى مۈمكىنلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

خىتاي تىلىدىكى "جۇڭخۇا قەھرىمانلىرى" دەپ ئاتالغان مىللەتچىلىك خاراكتېرىدىكى تور بېتىدە دائىم جۇڭگولۇقلارنىڭ كەلگۈسىدە قۇدرەت تېپىپ، رۇسىيىلىكلەر تارتىۋالغان بىر يېرىم مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش، جۇڭخۇا بايرىقىنى ئۇرال تېغىغا تاقاش دەيدىغان مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ تەشۋىقاتلاردىن رۇس مىللەتچىلىرىنىڭ خەۋەر تاپماي قېلىشى مۇمكىن ئەمەس بولسا كېرەك.