مىسىردىكى نامايىش 17-كۈنىگە قەدەم قويغاندا، مىسىردىكى نامايىشچىلارغا بارلىق تەلەپلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بۇ ئۇقتۇرۇش مىسىر ھەربىي دائىرىلىرى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن پرېزىدېنت مۇبارەكنىڭ بۈگۈن ئاخشام ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى يۈكسەك ئېھتىماللىق بىلەن تەخمىن قىلىنماقتا.
نامايىشچىلار ئىككى كۈندىن بېرى مىسىر پارلامېنت بىناسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق بىناسىنى قورشىۋالغان ئىدى. تۈنۈگۈن مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئۆمەر سۇلايمان نامايىشچىلارغا تەھدىت سېلىپ، مۇبارەكنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمەيدىغانلىقىنى، سىياسىي تۈزۈمدىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر جەمئىيەتتىكى تەرتىپسىزلىك داۋاملىشىۋەرسە، مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن مىسىردا تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ قاتتىقلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. بۇ سۆزدىن كېيىن، بۈگۈن نامايىشچىلارنىڭ غوللۇق يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋايىل گونىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھازىرلانغانلىقىنى، مۇبارەك تەختتىن چۈشمەي تۇرۇپ يولىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن گونىم، گۇگۇل ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مۇلازىمىتىنىڭ مەسئۇلىدۇر؛ ئۇ يەنە فېيسبۇك نىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قۇرغۇچىسىدۇر.
بۇ قېتىمقى نامايىش فېيسبۇك ۋە تىۋىتتەر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەشكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن گونىم بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسلىق يېتەكچىسى دەپ قارالماقتا. ئۇ نامايىشتىن ئىككى كۈن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 12 كۈن سوراق قىلىنغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن ئىدى. گونىم نامايىشنىڭ 15-كۈنى مەيداندا قايتا پەيدا بولغاندا، نامايىشچىلار قايتىدىن ئىلھاملاندى. گونىم شۇ كۈندىن بېرى نامايىشچىلارنىڭ باياناتچىسى ۋە رەھبىرى سۈپىتىدە رول ئوينىماقتا. ئۇ بۈگۈنكى باياناتىدا، مۇبارەك ۋە ئۆمەر سۇلايمانغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: "مېنىڭ بۇ ھاياتتا يوقىتىپ قويۇش ئېھتىمالىم بولغان كۆپ نەرسىلىرىم بار. مەسىلەن: دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق بىر شىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن؛ بەختلىك بىر ئائىلىگە ساھىبىمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، غايىمىزگە يېتىش ئۈچۈن مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەييارمەن. ھېچكىم مېنى ۋە سەپداشلىرىمنى ماڭغان يولىمىزدىن ئارقىمىزغا چېكىندۈرەلمەيدۇ."

گونىم يەنە، مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئۆمەر سۇلايمانغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: "مېنى تۇتۇپ كېتىشىڭ مۇمكىن، سەپداشلىرىمنى تۇتۇپ كېتىشىڭ مۇمكىن، ھەممىمىزنى تۈرمىگە سولىۋېتىشىڭمۇ مۇمكىن. ئەمما، مەيدانىمىز ئېنىق، 30 يىللىق دىكتاتورىلىققا خاتىمە بېرىمىز."
مەلۇم بولۇشىچە بۈگۈن، مىسىر ھەربىي مەسلىھەت كېڭىشىدە بىر مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلغان. يىغىنغا، دۆلەتنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ھۆسنى مۇبارەك قاتناشمىغان. ھەربىي دائىرىلەر يىغىندىن كېيىنكى باياناتىدا، مۇبارەكنىڭ، نامايىشچىلارنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما، بۇ جەرياندا مۇبارەك بىلەن ھەربىي ئەمەلدارلار ئارىسىدا نېمىلەر دېيىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ يېڭى رەئىسى بەدەۋىيمۇ، مۇبارەكنىڭ بۈگۈن تېلېۋىزور ئارقىلىق نامايىشچىلارغا خىتاب قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئۇ سۆزىدە، مۇبارەكنىڭ بۈگۈن ئاخشام ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتكەن. ئومۇمىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نامايىشنىڭ 17-كۈنىدە، ھەربىي دائىرىلەر، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى بەزى بىر قىسىم مۇھىم كىشىلەرنىڭ، مۇبارەككە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنلىكى ۋە مۇبارەكنىڭمۇ بۇ تەكلىپ ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
پروگراممىسىز تەييارلىنىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا، مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەكنىڭ تېلېۋىزىيە نۇتقى تېلېۋىزورلاردا ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
مۇبارەك نۇتقىدا، نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، نامايىشتىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈردى، ھاكىمىيەتنىڭ تىنچ بىر شەكىلدە ئالمىشىشىغا قەسەم ئىچىپ تۇرۇپ ۋەدە بەردى. ئەمما، پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىك سۆزىنى ئېغىزدىن چىقارمىدى. پەقەت، ھوقۇقلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئۆمەر سۇلايمانغا ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما نامايىشچىلارنىڭ، مۇبارەكنىڭ نۇتقىدىن رازى بولمىغانلىقى، نامايىشنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.