مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەر نېمە؟
2012.11.23

ئۇ يەنە 2009 - يىلى 5 - ئېيۇل ۋەقەسىنىڭ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىي روھىدا جۇغلانغان بارلىق ئىچكى - تاشقى ئامىللاردىن تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، تارىختىكى ئەڭ زور ئېتتىپاقلىققا يۈزلىنىشىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى ئىككى مەنبەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئەسلى كىملىكىگە قايتىشقا ئىنتىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى سىلىشتۇرما قىلىپ: ئورتا ئاسىيا تەۋەلىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە تېرىشچانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتماقتا؛ دېدى.
ئۇ يەنە بۇ خىل ھەرتەرەپلىمە ئېجابىي ئويغىنىش ۋە يۈزلىنىشلەرنىڭ توغرا پىكىر ۋە مۇكەممەل پىلان بىلەن يۆزلەندۈرۈلۈشى لازىملىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ئاكتىپلىق بىلەن رول ئوينىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە ئوخشاش مىللىي مەدەنىيەتتە ئورتاقلىقى بولغان يەرلەرنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشى، ئۇلاردىكى مىللىي كىملىكىگە ئىنتىلىشنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئېزدەش ۋە جارى قىلدۇرۇش روھىدا يۈكسىلىش بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىلھاملىنىپ، مۇھاجېرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بىرىشنىڭ زامانى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.