مۇھاجىرەتتىكى غەملەر

مۇھاجىرەتتىكى ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابىي روھىنىڭ سۇسلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە، جايلاردىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى يەرلىك خەلق ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ راھەتسىزلەنمەكتە. بولۇپمۇ ئەركىن دۇنيادىكى شارائىتتا ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر خىل كۆز - قاراشلاردا بولماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتە ئۇزۇندىن بىرى يەرلىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقان "گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى" نىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى كونىلارنىڭ يارىماسلىقى، يېڭىدىن كېلىۋاتقانلارنىڭ يولىنىڭ ئېتىلىشىگە ۋە ھەرخىل سىياسەت ۋە تۈزۈلمىلەرنىڭ چىڭىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ "گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مىڭغا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ سانى 100 گە بارمايۋاتىدۇ. بۇ بىزنى يەرلىكلەرنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. قەيەرگە بارساق يالغانچىدەك، ۋەتەندىكى زۇلۇمنىڭ ئىپادىسىگە ماس كەلمەيدىغان ساختا دەۋاگەرلەردەك تۇيغۇ بېرىپ قويدى. نەتىجىدە ئىلتىجاچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يىلدىن - يىلغا چىڭىپ كېتىۋاتىدۇ. تېخىمۇ يامىنى ۋەتەنگە بېرىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ۋەتەن - مىللەت غېمىدىن ئۆزىنى قەستەن قاچۇرۇشلىرىدىن، كەلگۈسىدىكى گوللاندىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشنىڭ ئۆتكەللىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋاتىدۇ".

ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتا ئىنتايىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە، يەرلىكلەرنىڭ بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا قېيىن سوئاللارنى ئالدىغا تاشلاپ ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.