ئالماتادا كوممۇنار تالىپوف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئالىم كوممۇنار تالىپوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان "ئۇلۇغ يىپەك يولىدىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئۇزارا باغلىنىشى" ماۋزۇسىدا خەلق ئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

26-نويابىر كۈنى ئالماتا شەھىرىدىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىناسىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقىغا تەۋە پەن كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى سابىق قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە كېيىنكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ سابىق رەھبىرى، كۆرۈنەرلىك ئالىم كوممۇنار تالىپوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان "ئۇلۇغ يىپەك يولىدىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئۇزارا باغلىنىشى" ماۋزۇسىدا خەلق ئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر ئىلمىي يىغىنغا شەرقشۇناسلار، ئۇيغۇرشۇناسلار، تارىخشۇناسلار، سەياسەتشۇناسلار ۋە باشقا ساھەلەرگە مەنسۇپ ئالىملارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىققان ئالىملار كوممۇنار تالىپوفنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلىق ئىلمىغا قوشقان ھەسسىسى، ئۇيغۇرلار تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىشلىرى شۇنىڭدەك ھەقىقىي رەھبەرگە خاس قابىلىيەتلىرى بىلەن ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئالاھىدە يۇقىرى باھالىدى.

تىلشۇناس ئالىم شېرىپاخۇن باراتوف ئەپەندى كوممۇنار تالىپوف ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنار ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت تەتقىقاتلارنىڭ ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.