مەرھۇم مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

ھەر خىل سەۋەبلەر ۋە ھەر خىل تۈرتكىلەر تۈپەيلى ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىمۇ ھەر خىل بولغان. ئۇلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن ئىز - دېرەك بېرەلىگەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىرى خۇددى قۇملۇققا سىڭىپ كەتكەن سۇدەكلا ئىز - دېرەكسىز يوقالغان.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كامىلجان مەرىپەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى» دېگەن ماقالىسىدە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇغان مىللەتنى تارىخمۇ ئۇنتۇيدۇ. تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان مىللەت دۇنيادىمۇ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان بولىدۇ. گەرچە بىز تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان مىللەت بولمىساقمۇ، مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرىگە ئوخشاش تارىخنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا ئۆزىنىڭ گېگانت ئەسەرلىرى بىلەن قەتئىي يول قويمىغان تۆھپىكار ئالىملىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئۆزى، دەل تارىخنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. بىز مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بوغرا ئۇيغۇر بىلەن 2001 - يىلى 8 - ئايدا كاراچىدا كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەسلەپ بەرگەنلىرى ئاساسىدا، بۇ قىسقىچە تەرجىمىھالنى رەتلەپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولدۇق. مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر مىلادىيە 1911 - يىلى ئۈستۈن ئاتۇشتا بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1932 - يىلى يېگىرمە بىر ياشلىق مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر قەشقىرى ۋەتەن، خەلقىنىڭ ئۆزىگە بېغىشلىغان مېھرى - مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن پاكىستانغا ماڭغان نامەلۇم بىر كارۋانغا قېتىلىپ، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىگە يىتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە بېرىپ ئەرەب، تۈرك، پوشتۇ ۋە پارس تىللىرىنى پىششىق ئۆگىنىپ، شۇ تىللاردا ھەر خىل شېئىر، ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان.»

كامىلجان ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«ئۇ پارس، پوشتۇ ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا ئافغان خەلقىنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئافغانىستاندىكى مەشھۇر «ئەنىس» ناملىق پوشتۇ تىلىدىكى گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا «تۈركلەر ئېپتىخارى» دېگەن ئەرەب تىلىدىكى چوڭ ھەجىملىك تارىخى كىتابىنى يېزىشقا كىرىشكەن. ھەمدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن ماقالە،خەۋەر،ئوچىرىكلارنى يېزىپ ئافغان خەلقىگە تونۇشتۇرغان بولۇپ، پارس تىلىدا يېزىلغانلىرى ئىچىدە بىز پەقەت ھازىر پاكىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركەزلىرىدە ۋە ھەرقايسى كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان «يىپەك يولىدىكى خوتەن داستانى» دېگەن تارىخى ماقالىسى بىلەن «روھى قايغۇسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئەسلى ئورگىنالى بىلەنلا ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولالىدۇق.1955 - يىلى پاكىستان رادىئو ئىستانسىسى تۈركچە ئاڭلىتىش باشلىغاندا، مۇھەممەد روھى رادىئو ئىستانسىنىڭ تاللاش ئېمتىھانىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تەمىنلىشى بىلەن بىر يۈرۈش قۇرا جايغا ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىلمان تۇرمۇشىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئۆمرى تېخى يەتتە ئايغا بارمىغان بۇ ئاڭلىتىش توختىتىلىدۇ. ئۇ كاراچىدا تۇرۇش جەريانىدا 1959 - يىلى ئىنگلىز تىلدا يېزىلغان «تاخارلارنىڭ ئەسلى يۇرتى» ناملىق مەشھۇر تارىخى ئەسىرى نەشردىن چىقىدۇ. ئارقىدىنلا ئوردۇ تىلىدا يېزىلغان «تىپپۇ سۇلتاننىڭ ئوسمانىيە خەلىپىسىگە يازغان مەكتۇپلىرى» ناملىق تارىخى ئەسىرىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە «تۈركلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا قوشقان تۆھپىلىرى» ناملىق ماقالىسىمۇ ئىنگلىز، ئوردۇ تىللىرىدىكى داڭلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىز ئۇچرىشىشقا سازاۋەر بولغان، تېخى نەشردىن چىقمىغان «يېڭى ئېچىلغان گۈللەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى،«تۈركلەر ئىپتىخارى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەرەب تىلىدا يېزىلغان تارىخى كىتابى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ ئورگىنال ھالىتىدە پاكىستاندىكى ئاتاقلىق كۇتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا».

مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرىنىڭ ۋاپاتى

كامىلجان يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «قىسقىسى ئىمانى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئويغاق بۇ ئوت يۈرەك، مول - ھۇسۇللۇق ئالىمىمىز ئۆز ھاياتىنى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنە شۇنداق ئاددىي ساددا، مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، مىلادىيە 1965 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ كاراچىدىكى قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە :

ھېچ ئىش قىلالماي كەتتىم جاھاندىن،

خۇدا دەپ ئىي مېھرىبان پەرۋەردىگارىم،

بېشىمغا بىر تۇتام گۈلنى قىل سوۋغا،

ئېچىلسا گەر بېغىمدا گۈلى ئارمىنىم

دېگەن مىسرالار يېزىلىپ نەقىشلەنگەن.»