فېستىۋالغا قاتناشقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى راھىلە خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى زۇبەيرە خانىملار بىزنى فېستىۋال ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.
ئانىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن،
[ مەشھۇر خەلقئارالىق تاغ فىلىم فېستىۋالىغاOpens in new window ]
قاتناشقان راھىلە خانىم، "
[ مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭOpens in new window ]
، فېستىۋالدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىقىدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان ئىدى. راھىلە خانىم سۆزىدە يەنە، ھەتتا فىلىمنى كۆرگەن 6 ياشلىق بىر كىچىك بالىنىڭ، "سېنىڭ ئىنىلىرىڭنىڭ تۈرمىدىن چىقىشىغا يەنە قانچىلىك ۋاقىت قالدى" دەپ سوراپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى دەرھال ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شىتاتىنىڭ تېللۇرىد شەھىرىگە جايلاشقان "تاغ فىلىم فېستىۋالى" گۇرۇھى 32 - يىلىغا قەدەم قويغان مەشھۇر بىر فېستىۋال گۇرۇھى ھېسابلىنىدۇ. فېستىۋالنى تەشكىللىگۈچى كىنو بۇرنىس ئەپەندى، فېستىۋال ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، مەزكۇر فېستىۋالغا پەقەت دۇنيادىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ۋەقە ۋە شەخسلەرگە ئائىت ئىشلەنگەن ئەھمىيەتلىك فىلىملەرنىڭ قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھەقىقەتەن، فېستىۋالدا ئالاھىدە ۋەقە ۋە پەرقلىق سەرگۈزەشتىلەر بايان قىلىنغان فىلىملەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى زۇبەيرە خانىم نەق مەيداندىن فېستىۋال پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
4 كۈنلۈك فېستىۋال جەريانىدا، راھىلە ۋە زۇبەيرە خانىملار مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىن سىرت، فىلىم تاماشىبىنلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. فىلىمنى كۆرگۈچىلەر راھىلە خانىمنى تونۇۋالغان ۋە "بىز سىنى ھازىر كىنودا كۆردۇق، سېنىڭ ئاناڭ نېمە دېگەن گۈزەل، نېمە دېگەن جاسارەتلىك بىر ئايال" دەپ رابىيە قادىر خانىمنى تەرىپلەشكەن.
بۇ قېتىمقى فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش پۇرسىتىدە، فىلىمنى تولۇق كۆرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن راھىلە خانىم، " مەن فىلىمنى كۆرۈپ ھەممىدىن ۋاز كەچتىم، ۋەتىنىم، مىللىتىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مېنىڭ ئەڭ ئۇلۇغۋار غايەمگە ئايلاندى" دېدى.
فېستىۋال داۋامىدا، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى "ئەجدەرھا بىلەن ئېلىشقان ئايال" ناملىق كىتاب پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولغان بولۇپ، كىتابخانا ئىگىسى راھىلە خانىمغا نەچچە مىڭدىن ئارتۇق كىتابنىڭ سېتىلىپ كەتكەنلىكىنى، كىتابنى تېخىمۇ كۆپ ئەكەلمىگەنلىكىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
راھىلە خانىم سۆزىدە يەنە "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق فىلىم VCD سى بىلەن "ئەجدەرھا بىلەن ئېلىشقان ئايال" ناملىق كىتابنى ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ سېتىۋېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
"مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 2009 - يىلى تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىل تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋالىدا، گوللاندىيىدىكى "ئەھمىيەتلىك فىلىملەر" خەلقئارا فېستىۋاللىرىدا كۆرسىتىلگەندىن سىرت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا پارلامېنت ئەزالىرىغا كۆرسىتىلدى ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى.
17 دۆلەتتە كۆرسىتىلگەن بۇ فىلىم، دۇنيا ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشىدا، ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.