'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆرسىتىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم، 26 ‏- ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قويۇلدى. مەزكۇر فىلىمنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى، ياۋرۇپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك شۇنىڭدەك رابىيە قادىر خانىم ئۆزى ھەمدە ئۇيغۇرلار بىرلىكتە كۆردى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لانتۇس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىتابخانىسىدا "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

فىلىم قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەيۋىد لۇ رابىيە قادىر خانىم ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن بۇ فىلىم ھەققىدە سۆز قىلدى.

دەيۋىد لۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشىدىكى مەقسىتىنى ئېنىق شەرھىلەپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق بۇ فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن بارلىق مەزمۇنلاردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەيمىس ماككوۋۋېرد رابىيە قادىر خانىم ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسى بېسىملىرىغا قارىماي ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ، ئىككى پەرزەنتىنىڭ قارا زىندانغا تاشلانغىنىغا قارىماي كۆرسىتىۋاتقان پىداكارلىقلىرىغا ئۆز رەھمىتىنى ئېيتىپ: "رابىيە قادىرنىڭ ئىش - ئىزلىرى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ئىلھام بېغىشلىدى" دېدى.

مۇراسىمدا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى فرانك ۋولف سۆز قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەتتا خىتاي رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ مەخسۇس جاسۇس تۇرغۇزۇپ، رابىيە قادىر خانىمغا سۈيىقەست پىلانلىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر ۋەقەلىكنى مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىغا ئېيتىپ بەردى ۋە ئۆزىنىڭ بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ خىتاي جاسۇسىنىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ياۋرۇپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھايتى ئاۋتالا خانىم، فىلىم ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ھايتى خانىم، كومىتېتىنىڭ ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق بىر مۇستەقىل ھەيئەت گۇرۇپپىسىنى، مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭغا خىتاينىڭ قارشىلىق بىلدۈرمەسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى، بولۇپمۇ خىتاينى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلىشقا قىستاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋرۇپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ياۋرۇپا سوتسىيال دېموكراتلار گۇرۇپپىسى، لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسى، يېشىللار پارتىيىسى، خرىستىئان دېموكراتلار بىرلىكى قاتارلىق ياۋروپادىكى كۈچلۈك پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى فىلىمنى كۆرۈپ، ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ، رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە سۈرەتكە چۈشتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سوئاللار سورىدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، فىلىمنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت خادىملىرىغا كۆرسىتىلىشى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېدى.

"مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" 28 ‏- ماي كۈنى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان "تاغ فىلىم فېستىۋالى" دا قويۇلماقچى. 4 كۈن داۋام قىلىدىغان مەزكۇر فېستىۋالغا رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن، قىزى راھىلە بىلەن ئامېرىكا ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇبەيرە خانىم قاتنىشىپ، فىلىم ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرىدا سۆز قىلىدۇ.

باش شتابى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىنىڭ تەللۇرىد شەھىرىگە جايلاشقان "تاغ فىلىم فېستىۋالى" گۇرۇھى بىر مۇستەقىل فىلىم فېستىۋالى بولۇپ، بۇ يىل 32 - يىلىغا قەدەم قويدى.

"مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، 2009 ‏- يىلى تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا كۆرسىتىلگەنلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ھازىرغا قەدەر ياۋروپادىكى ۋە ئاسىيادىكى 17 دۆلەتتە كۆرسىتىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.