"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى جېف دانىېل بىلەن سۆھبەت (2)
2010.12.14
-كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ فىلىم ئارقىلىق سىز ئۇيغۇر دەۋاسىغا بۇرۇن كۆرۈنۈپ باقمىغان دەرىجىدە تۆھپە قوشتىڭىز. بۇلارنى ئويلىغان چېغىڭىزدا قانداق
تۇيغۇدا بولىسىز؟ سىز بۇلارنى فىلىم ئىشلەشتىن ئىلگىرى ئالدىن كۆرگەنمۇ؟
-مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىم ئىشلەپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە پەخىرلىك ھالدا ۋەكىل دەپ كۆرسىتىدىغان ئايال: رابىيە قادىرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتسام ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇش بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى دۆلىتىگە تەھدىت ۋە "بىرىنچى دەرىجىلىك دۈشمەن" دەپ قارايدىغان تەرەپلىرىنىمۇ نەزەرگە ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلىشىمدىن خۇش بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
ھالبۇكى، بۇلارنىڭ بۇ فىلىمگە شۇنچە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە، بىر يىل ئىلگىرى فىلىم قويۇلغان ۋاقىتلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋەقە يۈز بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمىگەن تولىمۇ نازۇك پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
بۇ، خىتاي ئۈچۈن بەك سەزگۈر ۋاقىت ئىدى. ئۇلار بىر نەرسە دېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان. ئۇلار شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە بىر نەرسە دېگەندەك كۆرۈنمەكچى بولۇشتى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغىنى مېنىڭ فىلىمىمنى ۋە رابىيە خانىمنى تەشۋىق قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى ۋە خانىمغا دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۆپ سورۇن ھازىرلاپ بەردى.
قىزىق يېرى شۇ يەردىكى، پۈتۈن سۈرۈك بىر دۆلەتنىڭ مېنىڭ فىلىمىم ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئاخىرىدا، فىلىم، رابىيە خانىم جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىققەتنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. ئەلۋەتتە بۇلار مېنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى.
- بۇ فىلىم ھەقىقەتەنمۇ كۆپ غۇلغۇلا قوزغىدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
- ئەلۋەتتە خىتاي، بۇ ھەقتىكى ئىشلاردىن بەكلا قوچۇپ كەتتى. مەن پەقەت بىر قالتىس ئايال ۋە ئۇنىڭ ھايات ھېكايىسى ۋە بۇ ھېكايە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرى ئىپادىلىنىدىغان فىلىم ئىشلىدىم. بۇ فىلىمنى مەزكۇر ئايالنىڭ تەرجىمىھالى دېسەممۇ بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا بۇ فىلىمنى كۆرمەي تۇرۇپلا؛ فىلىمگە قارشى چىقىشى، پەقەت بۇ فىلىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى " بىرىنچى دەرىجىلىك خەلق دۈشمىنى" دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بىر ئايال ھەققىدە ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يەنە باشقىلارنىڭ مەزكۇر فىلىمگە نىسبەتەن قىزىقىشىنى كۈچەيتتى. كىشىلەر خىتاينىڭ مەزكۇر فىلىمگە نېمە ئۈچۈن شۇنچە قارشى ئىكەنلىكىگە قىزىقىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، ھەتتا بۇ ئاۋازنىڭ مەندەك بىر ئادەمنىڭ كىنوسى ئارقىلىق ئاڭلىنىشىنى توسۇشىغا ئۇرۇنۇشى كۆڭۈلنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ.