ئاتاقلىق ئىنقىلابچى، ئىستېداتلىق ئالىم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى پائالىيەتلىرى

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامى بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن جان دىلى بىلەن ئىشلەپ ئۆتتى. كېسەللىك ياكى ياشىنىپ قالغانلىقى ئۇنى بۇ ئۇلۇغۋار خىزمىتىدىن بىر كۈنمۇ توسۇپ قالالمىدى.

0:00 / 0:00

ئاتاقلىق ئىنقىلابچى ۋە ئىستېداتلىق ئالىم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي 1912-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن شەھىرىدە ئىسلام باي دېگەن كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1931-ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان ئازادلىق ئۇرۇشلىرىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى ئىدى. 1937-يىلى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. 1939-يىلى مەشھۇر قوماندان مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىرگە ياپونىيىگە بارغان ۋە ئۇ جايدا 15 يىل تۇرۇپ قالغان. بۇ ئارىدا «شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى» نى تەسىس قىلىپ چىققان. 1954-يىلى مىسىرغا بېرىپ ئۇ يەردە «ئازاد تۈركىستان» ناملىق دىنىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئىجتىمائىي ژۇرنالنى چىقارغان. 1956-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان.

ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانى مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي توغرىلىق يازغان ئۇزۇن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرغان ۋاقتى 30 يىلدىن ئاشىدۇ. بۇ ئارىدا مەرھۇم ھارماستىن، زېرىكمەستىن مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئۆتتى. كېسەللىك ياكى ياشىنىپ قالغانلىقى ئۇنى بۇ ئۇلۇغۋار خىزمىتىدىن بىر كۈنمۇ توسۇپ قالالمىدى. مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن قاراشقا بولىدۇ:

ئىنقىلابىي پائالىيىتى

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ ئاسارەتتىكى ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئىرادىسى بالىلىق چاغلىرىدىلا يېتىلگەن بولۇپ، بۇ يولدا قولىغا قورال ئېلىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلدى. ۋەتىنىدىن ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغىنىدىن كېيىن، قولىغا قەلەم ئېلىپ بۇ كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ پىكرى خالىس ئىسلامىي پىكىر بولۇپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يەتتى. خىتاي ۋە رۇس ئىستېلاسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى مۇستەملىكىنىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇنىڭ بىرلا تىلىكى ئىدى. شۇ يولدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنى بىر دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە بولۇپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ئۇ ئادەتتىكى تۈركىستانلىقلارغا ئوخشاش ھايات كەچۈرۈشنى ئۆزى ئۈچۈن راۋا كۆرمىدى ۋە پۈتۈن ھاياتىنى، ئىلمىنى، ئەقلىنى ۋە ۋاقتىنى تۈركىستان مەسىلىسىگە بېغىشلىدى. ئۇ شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي ۋە رۇس زۇلۇمى ئاستىدا ئۇچرىغان كۈلپەتلىرىنى، ئېزىلىشلىرىنى ۋە ھۆرىيەتكە مۇشتاق ئىكەنلىكىنى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇش يولىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى. ئەينى ۋاقتىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ « ئەل بىلاد» گېزىتىدە، «چوڭ تۈركىستان»، «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار»، «شىمالىي كافكاستىكى مۇسۇلمانلار»، «ئىدىل - ئورالدىكى مۇسۇلمانلار»، «قىرىمدىكى مۇسۇلمانلار»، «تۈركىستاندىن نېمىلەرنى بىلىسىز»، «تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ۋە كوممۇنىست زۇلۇمى»،«قېرىنداشلىق چاقىرىقى»،« شەرقىي تۈركىستان شىنجاڭ ئەمەس» دېگەن تېمىلاردا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

1962- يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە «ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى»تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي بۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلامىي جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن باغلىغان ياخشى مۇناسىۋىتى ۋە دوستلۇقىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى «ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى»نىڭ چوڭ يىغىنلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.

1964- يىلى ئۇ شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ناھايىتى ئېنىق ۋە ئىخچام ھالدا « ئىسلام دۇنياسىغا چاقىرىق»، «تۈركىستان توغرىلىق ھەقىقەتلەر» ناملىق كىتابچىلارنى يېزىپ چىقىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ياردىمى باستۇرۇپ تارقىتىدۇ. بۇ كىتابلار بەش مىڭ نۇسخىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى تەشكىلات ۋە جەمئىيەت مەسئۇللىرىغا تارقىتىپ بېرىلگەننىڭ سىرتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەشھۇر گېزىتى « ئەل بىلاد»، رىياد شەھىرىدە چىقىدىغان«دەۋەت»، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە چىقىدىغان«نەدۋە» گېزىتلىرىدە بۇ كىتابچىلارنىڭ ئىچىدىكىلەر ئارقا - ئارقىدىن تولۇق ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ كىتابچىلار كېيىنچە ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ « ئىسلامىي ھەمكارلىق» دېگەن ھەج ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

دىنىي پائالىيەتلىرى

مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي ئىلىم مەرىپەتلىك ۋە ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، ئىسلامىي بىلىملەرنى ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا، ئاندىن ھىندىستاندا، ئاندىن ئەزھەردە ئالغان. مەرھۇم بىلگەن بارلىق بىلىملىرىگە ئەدەبىيات ۋە ھەرخىل زامانىۋى ئىلىملەر ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى قوشۇپ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئىدى. ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى، ئەدەبىياتىنى پىششىق بىلگەننىڭ سىرتىدا، ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى بىلگەنلىكى ۋە ئىنگلىز تىلىغا ئەھمىيەت بېرىشى ئۇنىڭ ئىلىم سەۋىيىسىنى ۋە ھەر تەرەپلىمە مەلۇماتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى. مەرھۇمنىڭ تۈركىستاندىكى ئىسلامىي مىراسلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىمۇ كۆپتۇر. تۈركىستاندا كوممۇنىستلار كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەن ئىسلامىي ئەسەرلەرنى قايتىدىن رەتلەپ، توپلاپ نەشر قىلدۇرغان ئىدى.

رادىئودىكى ھاياتى

سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئەڭ پېشقەدەم دىكتورلىرىدىن ئەللامە ئابدۇلمەننان ھاجىم مۇنداق دېدى: «مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ رادىئودا قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى قۇرئان كەرىمىنىڭ تەپسىرى ئىدى. بىز يىللار بويى ئۇ كىشىنىڭ تەپسىرىنى رادىئودا ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىدۇق. ئۇ كىشىنىڭ رادىئومىز ئۈچۈن ۋە رادىئو تاشقىرىدا قىلغان خىزمەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەممە ئۇنى ياخشى ماختاشلار بىلەن ياد قىلىپ كەلمەكتە. 1982- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىگە ئىشقا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەزكۇر بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان. رادىئودا ھەر كۈنى قۇرئان كەرىمىنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرىنى ئۆزى ئىشلەپ ھازىرلاپ ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىدى. مەرھۇم بۇ ئارىدا ئېغىر كېسەل چاغلىرىدىمۇ بىر كۈنمۇ بۇ ئىشنى توختاتمىغان ئىدى. رىماتېزم سەۋەبلىك يۈرۈشتىن توختاپ قالغان كۈنلىرىدىمۇ، ھەرىكەتلىنىدىغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ رادىئوغا بېرىپ ئىشىنى داۋام قىلغان ئىدى. كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغىنى سەۋەبلىك ئۇنى ئىشىنى توختىتىپ دەم ئېلىشقا تەۋسىيە قىلغانلارغا « بۇ مېنىڭ دىنىي بۇرچۇم» دەپ جاۋاب بېرىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى لەھزىلىرىگە قەدەر ئىشىنى توختاتمىغان ئىدى.»