مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2011‏-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېت تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. مۇراسىمدا يەنە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېت تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت، «مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھىندىستان ۋە ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرى»، دېگەن تېمىدا. سۇلايمان دېمىرال ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇللاھ بېكىر، «مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ رەھبەرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئىلىم سەۋىيىسى» دېگەن تېمىدا. ئېلى ئەلىئوغلى، «مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۈركىيىدىكى ھايات-پائالىيىتى» دېگەن تېمىدا. پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، «مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تارىخ چۈشەنچىسى ۋە تارىخ تەتقىقاتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

alimjan-inayet-memetimin-bughra-xatirilesh-385.jpg
ئالىمجان ئىنايەت مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2011-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

دوكتور ئابدۇللاھ بېكىر، «مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ رەھبەرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىم سەۋىيىسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1901-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە مۆتىۋەر بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. 9 يېشىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى، 21 يېشىدا خوتەن ۋە قاراقاشتىكى مەدرىسىلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ يۈكسەك دىنى ئىلىم بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى. ئەرەب ۋە پارس تىلىنى پۇختا ئۆگەندى. 1922‏-يىلدىن 1933-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خوتەن ۋە قاراقاشتا قۇرئان تەپسىرى ۋە ھەدىس ئىلىملىرى بويىچە مۇدەررىس بولۇپ دەرس ئۆگەتتى.

يۇقىرى ئىلىم، قابىلىيىتى ۋە يېقىملىق شەخسىيىتى بىلەن قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە ئەتراپتا نام قازانغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنى زاتلىرىغا بېرىلىدىغان «ھەزرىتىم» ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەرھۇمنى «ھەزرىتىم» دېگەن ئۇنۋان بىلەن ياد ئەتمەكتە.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياش چېغىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، پارسچە شېئىرلار يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمىدا ئەرەبچە، پارسچە شېئىرلارنى خېلى ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىللە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنى ھەر پۇرسەتتە زامانىۋى ئىلىملەر بىلەن يېتىشتۈرۈشكىمۇ تىرىشقان. شۇ دەۋرلەردە تەشەببۇس قىلىنغان «مائارىپتا يېڭىلىققا كۆچۈش» ھەرىكىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قارىقاشتا ياش مۇدەررىس ۋە تالىپلارنى تەشكىللەپ، زالىم مۇستەملىكىچى چىن ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى مىللىي تەڭسىزلىك ۋە ئېزىلىشلىرىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى قانداق قۇتۇلدۇرۇش يولىدا چارە-تەدبىر ئىزلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن باشلىدى. شۇ دەۋردىكى يېتەرسىز ۋە ئاز ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشتىن باشقا سودىگەرلەرنىڭ چەتئەللەردىن ئېلىپ كەلگەن گېزىتلىرىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىققان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ۋەزىيەتنى كۆزەتكەندىن كېيىن خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇ ۋەزىيىتىدە قوراللىق مىللىي ئىنقىلاب قىلىشتىن باشقا چارە يوق، دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن 1930-يىلىنىنىڭ ئاخىرلىرىدا «مىللىي ئىنقىلاب كومىتېتى» تەشكىلاتى قۇرۇلدى. بۇغرا قوماندانلىقىدا 1932‏-يىلى 2‏-ئاينىڭ 20-كۈنى قاراقاشتا باشلانغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى نەتىجىسىدە، 1934-يىلى 7-ئايغىچە قەدەر غەربتە، يېڭىساردىن تارتىپ شەرقتە، بولغان جايلار خىتاي مۇستەملىكىچىلەردىن ئازاد قىلىندى ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان يېيىلغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە مۇھىم ياردەملەر قىلىندى. بۇ تارىختىن مۇھەممەد ئىمىن خوتەن مۇجاھىدلىرى باش قوماندانى بولۇپ «ئەمىر ھەزرىتىم» دېگەن ئۇنۋانى بىلەن چەتئەلدە بولسا «خوتەن ئەمىرى» دەپ تونۇلدى. 1934-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مىلىتارىست ما خۇسەننىڭ ھۇجۇملىرىدىن قۇتۇلۇپ ھىندىستانغا ھىجرەت قىلدى.

بىز بۇ مۇراسىم ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئىلغار ئالىپتېكىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.