سىياسىي مەھبۇس مۇھەممەت توختى تۈرمىدە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى
2006.11.09
پاكىستاندىكى ئىسلامئاباد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ياش ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەت توختى مەتروزى 2003- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ پاكىستان رازۋېتكا ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە خىتاي تۈرمىسىدە قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچرىغان مەمەت توختى ئۈستىدىن 2005- يىلى 5-ئايدا سوت ئېچىلغان بولۇپ سوت جەريانىدا ئۇ قانۇنشۇناسلىق ئىلمىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقى ئۈچۈن سوت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان. لېكىن 2006- يىلى 7- ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھەممەت توختى ئۈستىدىن يېپىق سوت ئىچىپ ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. يېقىندا كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇھەممەت توختى تۈرمىدە قاتتىق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى باسماس بولۇپ قالغان.
مۇھەممەت توختى مەتروزى ۋە ئابدۇلۋاھاپ توختىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تۇتۇپ بېرىلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلىپى قوبۇل قىلىنىپ، شۋېتسىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان مۇھەممەت توختىنى خىتايغا تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەن مۇھەممەت توختى تۈرمىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق قېيىن-قىستاقلىرىغا ئۇچرىغان ھەمدە 2006- يىلى 7- ئايدا ئېلىپ بېرىلغان يېپىق سوتنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنى17 كۈن داۋاملاشتۇرغان.
خىتاي سوتىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇھەممەت توختى يېقىندا تۈرمىدە قاتتىق كېسەلگە گىرىپتار بولغان. مۇھەممەت توختىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان ھەمدە ئۇنىڭدىن يېقىندا بىر خەت تاپشۇرۇپ ئالغان، ھازىر شۋېتىسيىدە ياشاۋاتقان ئۇنىڭ يېقىن دوستى ئابدۇللانىڭ ئېيتىشىچە، مۇھەممەت توختىنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىغا تۈرمىدىكى قاتتىق روھىي ۋە جىسمانىي بېسىم سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئابدۇللا ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاندىكى ئىسلامئاباد خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن مۇھەممەت توختىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغاندىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى يوق ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
- دوكتور نوۋاكنىڭ دوكلاتىنى ئۇيغۇرلار ئىسپاتلىماقتا
- توختى مۇزئارتنىڭ خانىمى يولدىشى ھەققىدە توختالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا قاماپ قويماقتا
- ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئالاھىدە ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى
- ب د ت ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەھبۇسلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ