نورۋېگىيىنىڭ باش مىنىستىرى جەنس ستولتېنبېرگ 10-دېكابىر كۈنىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە شۇ كۈنى كەچتىكى پادىشاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتە رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشكەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسىي پەلوسى خانىم ۋە نوبېل كومىتېتىنىڭ باشلىقى تھوربجۆرن جاگلاند رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىر نەچچە قېتىم قىزغىن ئۇچرىشىشتا بولغان. ھوللىۋوتنىڭ داڭلىق كىنو چولپانلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم مۇھىم سىياسىي ئەربابلار رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئىنتايىن قىزغىن سۆھبەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھىم بولغان سوئاللارنى سورىغان.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رابىيە قادىر خانىمنى توختىماي زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالى ھەققىدە مۇمكىن قەدەر ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە رابىيە قادىر خانىم مۇراسىمغا قاتناشقىلى كەلگەن مۇھىم ئەربابلارنىڭ دىققىتىنى چەككەن ئالاھىدە شەخسكە ئايلانغان.
بۇ جەرياندا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئەسقەرجان ۋە سەمەت ئابلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى، باياناتچى دىلشات رىشىت، نەشرىيات مەركىزى مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىلەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۋېگىيىدىكى پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن نورۋېگىيىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولدى.
رابىيە قادىر خانىم بۇ جەرياندا يەنە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلىرىنى بەردى.