ئەپسۇسكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا قاراتقان كۆچمەن يۆتكەش، بايلىق ئېچىش سىياسەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باي تەبىئىي مۇھىتىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش شارائىتىغا بۇزغۇنچىلىق ۋە ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مۇھىت ئاسراش قانۇنلىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، خىتاي بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق سىياسەت ۋە تەدبىر قوللىنىپ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماسلاشتۇرۇشى شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مۇھىت ئاسراپ خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى شەرت ئىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قانداق بىر ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، تەبىئەت قانۇنىيىتىگىمۇ خىلاپلىق قىلىش تەرىقىسىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ باغ-ۋاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش، ھويلا-ئاراملىرىنى دەل -دەرەخ، گۈل-گىياھلار بىلەن گۈزەللەشتۈرۈش، ئىگە بولغان بارلىق تەبىئىي ۋە ئۆزگەرتىپ گۈزەللەشتۈرگەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاسراش ۋە يېشىللىقنى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىسى، زامانىمىزغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئەت قانۇنىغا، ئۆزىنىڭ قانۇنىغا، خەلقئارالىق قانۇنلاردا بېكىتىلگەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان شۇنداقلا مىسلىسىز كۈچەيتىۋاتقان بايلىق ئېچىش، نوپۇس يۆتكەش، ئاتالمىش تەرەققىيات سىياسەتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا. بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان سۇنىڭ بۇلغىنىشى، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى، ئورمان ۋە يايلاقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ئوخشاش ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋاللىرىدىن كۆرەلەيمىز.
خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى شۇنداقلا خىتاي مۇھىت ئاسراش قانۇنلىرىدىمۇ تەبىئىي مۇھىتنى ئاسراشقا مۇناسىپ نۇرغۇن تۈر، ماددىلارنى كۆرەلەيمىز، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قالايمىقان بايلىق ئېچىش، ساياھەتچىلىك ۋە باشقا تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خىلاپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئارزۇسىغا مۇخالىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتلەردىن بۇ قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا نىسبەتەن سوئال تۇغۇلىدۇ.
مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇننىڭ 66-ماددىسىدا «ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا بايلىق ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلىشتا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شۇ جاينىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلىشى، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى لازىم» دەپ ئېنىق بېكىتىلگەن.
45-ماددىدا «مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراپ ۋە ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دەپ بېكىتىلگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان، خىتاي ئىمزا قويغان «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» دىمۇ بۇنىڭغا دائىر مەخسۇس ماددىلار بار.
مەزكۇر خەلقئارالىق قانۇنىي ھۆججەتنىڭ 26-ماددىسىدا «يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرى ئىگىلىگەن، ئەنئەنىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولغان تۇپراقلىرى، تېررىتورىيىلىرى، سۇ ۋە دېڭىز ساھىللىرى قاتارلىق بارلىق بايلىقلىرىغا بولغان مەنىۋى مېھرىنى ساقلاش، كۈچلەندۈرۈش ھوقۇقىغا ۋە بۇلارنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتەك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قېلىش ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ، يەنە-29ماددىسىدا «يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە تەئەللۇق يەرلەرنى، تېررىتورىيىلەرنى ۋە ئۆز يەرلىرىدىكى بايلىقلىرىنى، بۇ جايلارنىڭ مۇھىتىنى ھەمدە بۇ زېمىنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىغىمچانلىقىنى ساقلاش ۋە مۇھاپىزەت قېلىشقا ھوقۇقلۇق. دۆلەت ھېچقانداق ئايرىمىچىلىققا يول قويمىغان ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ يەرلەرنىڭ ساقلىنىشى ۋە مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت» دەپ بەلگىلەنگەن.
مانا بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىقتىسادى قۇرۇلۇش بىلەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرگەندىلا ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىدەك قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىت قوغداش جەھەتتىكى ئۆز ھەق-مەنپەئىتىنى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان قارا قويۇق بايلىق ئېچىش، ساياھەتچىلىك سىياسەتلىرىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتىن باشقا، مەدەنىي مىراسلارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى، مۇھىتنى قوغداشنى ئاساس قىلمىغان بۇ خىل ئېچىش تەرەققىياتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر دىيارىغا تولدۇرغۇسىز زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قاھار ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، ئەمەلىيەتتە ئاپتونومىيە قانۇنى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئۆز رايونىنىڭ مۇھىتىغا ماس ھالدا مۇھىت ئاسراش قانۇنلىرىنى بېكىتىش ھوقۇقى بارلىقىنى شۇنداقلا، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن مۇھىت قوغداش قانۇن تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان گۈزەل تەبىئىي مۇھىتى ھەم قىممەتلىك غەيرىي بايلىقلىرىنى قوغداپ قېلىشتا تەخىرسىزلىككە ۋە زۆرۈرلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.