مۇناپىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان خەتىرى

مۇناپىقلار - ئىككى يۈزلىمىچى مەخلۇقلار بولۇپ، ھەر قانداق بىر مىللەتتە تېپىلىدۇ. تارىخلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۆمۈر تاپانلىرى ئاستىغا كىرىپ قېلىشى، ئىنسانىيەتنىڭ زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىشى، سەلتەنەتلەرنىڭ قولدىن كېتىشى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياراملىق كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلەر قولىدا نابۇت بولىشى ۋە باشقىمۇ نۇرغۇنلىغان بەخىتسىزلىكلەر ئەنە ئەشۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ شۇم بۇيىلىرى بولغان مۇناپىقلارنىڭ ساتقۇنلىقى، خائىنلىقى ۋە ھەييارلىقى سەۋەبتىن بولغان.

0:00 / 0:00

مۇناپىقلار دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر جەمئىيەت، قانۇن ۋە دىن نەزەرىدە ئەڭ رەزىل ۋە ئەڭ پەسكەش مەخلۇقلار بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە ئاللاھ ۋە ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە مەھكۇمدۇر. قىسقىسى، جەمئىيەتنى مۇناپىقلاردىن ساقلاش شۇ جەمئىيەتنىڭ تىنچلىق - ئامانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇھىم ئىشتۇر.

ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلېتىپ ھاجىم مۇناپىقلارنىڭ رەزىل مەخلۇقلار ئىكەنلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ بېشىدا ئىنسانلارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىيدۇ: بىرىنچىسى، قۇرئاننىڭ راستىنلا ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلغان سۆزلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈچى مۆمىنلەر، ئىككىنچىسى، ئىشەنمەيدىغانلار، ئۈچىنچىسى، دىنغا ئىشەنمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقانلار قاتارىدىن كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئالدىماقچى بولغان ئىككى يۈزلىمىچى مۇناپىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىنسانىيەتكە بولىدىغان خەتىرى ئاشكارا دۈشمەندىن ئەلۋەتتە ياماندۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇناپىقلار توغرۇلۇق13 ئايەتتە تەپسىلى خەۋەر بەرگەن ۋە ئۇلار توغرۇلۇق: ' مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قېتىدا ئازابلىنىدۇ ' دەپ ئېلان قىلغان. ئايەتلەردىكى مۇناپىقلاردىن مەقسەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇناپىقلارلا ئەمەس، بەلكى ھەر قانداق زامان ۋە ھەر قانداق ماكانلاردىكى مۇناپىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: ' كىشىلەرنىڭ ئەڭ يامىنى ئىككى يۈزلىمىچى مۇناپىقلار بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭغا بىر يۈزى بىلەن بۇنىڭغا يەنە بىر يۈزى بىلەن كۆرىنىدۇ ' دەپ كۆرسەتكەن."

مۇناپىقلار ئىنسانىيەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىدۇر

ئابدۇلېتىپ ھاجىم مۇناپىقلارنىڭ خەتىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" مەلۇمكى، مۇناپىقلار قايسى زاماندا ۋە قايسى جايدا بولمىسۇن، ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان، ئۆز ۋەتىنىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان زەھەرلىك چايانلاردۇر. ئەگەر ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئىچىدىكىلىرىنى شۇ بويىچە دادىل ئاشكارا قىلىدىغان ۋە ئۆز بۇرچىنى ئالدامچىلىقسىز سەمىمىي ئورۇنلايدىغان بولسا، بۈگۈنكى ئىنسانلار جەمئىيىتى بەختكە ئېرىشكەن ۋە ھەر دۆلەت ئۆزىنىڭ خوجىلىقىنى مۇستەھكەم تىكلىيەلىگەن بولاتتى. بىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساقمۇ، مۇناپىقلىقنىڭ مىللىتىمىزگە قانچىلىك كۆپ زىيان سالغانلىقىنى، بەختنى شاقاۋەتكە، ھۆرلۈكنى مەھكۇملۇققا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا سەۋەب بولغانلىقىنى، سانسىزلىغان ياراملىق، خەلققە مەنپەئەتلىك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ نابۇت بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى كۆرىمىز. ئابدۇقادىر داموللامدەك مىللىتىمىزنى ئاقارتقان مەرىپەتپەرۋەر زاتنىڭ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك خەلقنى ئويغاتقان ۋە مىللىتىمىزنى ئەركىنلىككە چاقىرغان تالانتلىق كىشىلىرىمىزنىڭ دۈشمەنلەر قولىدا شەپقەتسىزلەرچە قەتلى قىلىنىشىغا بىۋاسىتە سەۋەبچى بولغانلارمۇ بىزنىڭ مىللەتتىن چىققان ۋەھشى مۇناپىقلار ئىدى. ھازىرمۇ ھەر ساھەدىكى بىر تۈركۈم مۇناپىقلار مىللىتىمىزنىڭ بەختىكە ئولتۇرۇپ كەلمەكتە. مۇناپىقلار ھامان بىر كۈنى شەرمەندە بولماي قالمايدۇ. ئاخىرەتتىمۇ ئۇلار ئەڭ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە مۇناپىقلارنىڭ نامازلىرىنىمۇ ئوقۇماسلىققا بۇيرىغانلىقىمۇ مۇناپىقلارنىڭ قانچىلىك قەدىرسىز، رەزىل ۋە پەس مەخلۇقلار ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك."

مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى

ئابدۇلېتىپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ:" مۇناپىقلارنىڭ سۈپىتى ئۈچ بولۇپ، مۇناپىق سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ"دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ھەدىستىن مەلۇمكى، يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق ۋە ئامانەتكە خىيانەت قىلىش ئەڭ رەزىل قىلىقلار بولۇپ، مۇناپىقلار بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىدۇر. چۈنكى مۇناپىقلار ھەمىشە زالىم بېسىمدارلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۆز مىللىتىدىن چىققان ياخشى كىشىلەرنى يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن قارىلايدۇ، قەۋم قېرىنداشلىرى ئۇلارغا ئىشىنىپ ئىچكى سىرلىرىنى ئېيتسا، كېچىكمەستىن دەرھال بېرىپ زالىملارغا ئۇلارنى سېتىۋېتىدۇ، خەلق ئىشەنچ قىلىپ بەزى نەرسىلىرىنى ۋە گەپ - سۆزلىرىنى ئۇلارغا ئامانەت قىلسا، دەرھال ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇنداق رەزىللىككە كۆنۈپ كەتكەن، پەسكەش مەخلۇقلاردۇر. شۇڭا ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش، ئۇلارنى جەمئىيەتتىن يەكلەش ۋە ئۇلارغا ھېچبىر زامان ئىشەنچ قىلماسلىق تەلەب قىلىنىدۇ.