سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇراخمان ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇراخمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇراخمان ھاجىم مۇنداق دېدى: "مۇناپىقلار ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەبىقىلىرىدە تولۇپ تاشقان ھالدا تېپىلىدۇ. مەسىلەن: ئازراق مائاشقا ئېرىشكەن كادىر گويا رىزىق بەرگۈچى ئىگىسى ئاللاھنى ئۇنۇتقان ھالدا، شۇ مائاشنى بەرگەنلەرگە چوقۇنىدۇ. ئۇلار مائاشسىز ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ئەگەر مائاشتىن ئايرىلىپلا قالىدىغان بولسا، بۇ دۇنيادا ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆز مىللىتىنى، ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرىنى، ئاتا - ئانىسىنى ۋە ئاچا - سىڭىللىرىنى سېتىپ بولسىمۇ بۇ مائاشنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى ئۇنداقلارنىڭ دۇنياسىدا مائاشتىن باشقىسى ھېچ نەرسە ئەمەس. ئاللاھنى قويۇپ مائاشقا چوقۇنىدىغان كادىرلارنىڭ يەنە بىر قىسىملىرى- بەلكى كۆپىنچىسى - زالىملارغا خىزمەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مائاشىنى ۋە دەرىجىسىنى كۆتىرىش مەقسىتىدە، ئۆز مىللىتىنى - قەۋم قېرىنداشلىرىنى، خوشنىلىرىنى، خىزمەتداشلىرىنى، ھەتتا ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىمۇ زالىملارغا سېتىۋېتىشتىن ھايا قىلمايدۇ. ئۇلار تىمسىقىلاپ يۈرۈپ ھەمىشە ئادەم چاقىدۇ، شىكايەت قىلىدۇ، ئەرز يوللايدۇ. شۇنداق قىلىپ زالىملارنىڭ نەزەرىدىن ئۆتۈشكە تىرىشىدۇ. بىر قىسىم زىيالىيلار خوجايىنلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش، ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەرتىۋىگە ئېرىشىش خام خىيالى بىلەن بىلىپ تۇرۇپ ئۆز مىللىتىگە، تارىخىغا ۋە ئەنئەنىلىرىگە خىيانەت قىلىدۇ. مۇنداق پۈچەك زىيالىيلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمەكتە، ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان ھەققانىيەتچى، ئوت يۈرەك، روھى پاك ئەزىمەتلەرنىڭ روھىنى قورۇندۇرماقتا."
دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان مۇناپىقلارنىڭ خەتىرى ھەممىدىن چوڭ
ئابدۇراخمان ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" ئەمدى دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان مۇناپىقلارغا كەلسەك، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر. بۇ مۇناپىقلارنىڭ ھەممىدىن بەك بازار تېپىپ كېتىشىنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى خەلقىمىزنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، ئۇلارنىڭ سۆزىگە تېز ئىشىنىپ كېتىشى ۋە ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى تولۇق بىلىپ كېتەلمىگەنلىكىدۇر. بېرەر ھالال نىيەت ئۆلىمانىڭ خەلققە ۋەز - نەسىھەت ئېيتقانلىقىنى، گۈزەل ئەخلاق ئۆگەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالغان ھامان ئۇنى زالىملارغا چېقىپ تۈرمىگە سولۇتۇپ قويىدىغانلارمۇ شۇ مۇناپىقلاردۇر. دېمەك بۇ خىلدىكى مۇناپىقلارنىڭ جىنايەتلىرىنى، خىيانەتلىرىنى ۋە پەسكەشلىكلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ."
ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجىت، جامەلەرنىڭ ئىمام ۋە خەتىبلىرىنى ئەھلى ئىلىم ، ئۆلىما دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ئۇلار موللا دېيىشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ. گەرچە " موللا" دېگەن ئاتالغۇ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى زىيالىلار قاتلىمىنىڭ نەزىرىدە دىنى نىقاپقا كىرىۋالغان قارا قورساق جان باقارلارنى ئىپادىلىسىمۇ، " موللا" سۆزى پارسچىدا " ئالىم" دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ سۆزنى بۇ قارا قورساق جان باقارلارغا قوللىنىش ئارتۇقلۇق قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئالىم ئەمەستە.