يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي سىياسەتكە نىسبەتەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچەيتمەكتە. بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل زىيالىيلىرى نۆۋەتتە موڭغۇللار ئۇچراۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مىللىي بېسىمنىڭ ئۇيغۇر ھەم تىبەتلەردىنمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
موڭغۇللار نەزىرىدە جەنۇبىي موڭغۇلىيە دەپ ئاتىلىدىغان ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى دەپ بېكىتىلگەن رايوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل دوختۇر ئالماس سىرنۇد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ئەھۋالى تولىمۇ ئېغىرلاشقان.
ئالماس سىرنۇد ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«قاراڭ ھازىر بىز جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولماقتا. ھازىر بىزنىڭ بۇ يەردە خىتاي مىللىتىنىڭ نوپۇسى 80% تىن ئېشىپ كەتتى. موڭغۇل يايلاقلىرى تېرىلغۇ يەرلەرگە ئۆزگەرتىلگىنى ئۈچۈن موڭغۇل چارۋىچىلىرى ئۆز تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى، چارۋىچىلار بارغانچە نامراتلاشتى. موڭغۇل تىلىدا ئوقۇغان بالىلىرىمىز خىتايچە سەۋىيىسى تۆۋەن دەپ يەكلىنىپ خىزمەت تاپالمىدى. موڭغۇل تىلىدىكى مەكتەپلىرىمىز مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن ھازىر يوقىلىش گىردابىدا قالدى. خىتايچە بىلمىسىڭىز كوچىغا چىقىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالالمايسىز. جەنۇبىي موڭغۇلىيىنىڭ شەرقىدىكى موڭغۇللارغا خىتايچە فامىلە قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئەسلىدىكى موڭغۇلچە ئىسىملىرىنى قوللىنىش بارغانچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئىدارە - ئورگان، مەكتەپ ھەم زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئاشۇ ئازغىنە موڭغۇللارنىڭمۇ خىزمەت ۋاقتىدا موڭغۇل تىلىدا بىر-بىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشى خىتاي باشلىقلار تەرىپىدىن گۇمانلىق دەپ قارالغىنى ئۈچۈن، موڭغۇللار ئۆز-ئارا موڭغۇل تىلىدا سۆھبەتلىشىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. بىز موڭغۇللار نۆۋەتتە بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالدۇق دېسەك بولىدۇ.»
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ياشىغان ھازىر چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر موڭغۇل زىيالىيسى ئۇيغۇر تىلىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى:
«بۇ كىشى ئۆز بايانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئويرات موڭغۇللىرى دەپ ئاتالغان موڭغۇللارنىڭ غەربىي قىسىم قەبىلىلىرىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىنى جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇل قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۆرپ-ئادەت، تىل، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا يولۇقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.»
چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىدىن ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش كاتىپى كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇللارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش قەدىمىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئويرات موڭغۇللىرىنىڭكىدىن تېز بولۇشىنىڭ، بۇ رايوننىڭ بېيجىڭنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدىكى تەجرىبە ئورنى قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:
«شۇنداق خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1947-يىلى جەنۇبىي موڭغۇلىيىنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان بارلىق سىياسەتلىرىنى ئەڭ ئاۋۋال جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە سىناق قىلدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ توختىماي خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايونغا كۆچۈرۈشى نەتىجىسىدە، جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇللار ھازىر ئۆز زېمىنىدا 20% لىك نوپۇسقا چۈشۈپ قېلىپ ئۆز زېمىنىدىكى ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندى. يايلاقلار ئۆزلەشتۈرۈلۈپ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ تىرىكچىلىك يولى ئۈزۈۋېتىلدى. «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىمۇ ئەڭ ئىلگىرى 90-يىللاردا جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇپ، مانا ھازىر موڭغۇل مەكتەپلىرى تاقىلىش گىردابىدا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى ئويرات موڭغۇللىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىر قەدەر يىراق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى ھەم تىلىنى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلاپ قالالىدى. ئەمما، ھازىر ئوخشاشلا مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ خىرىسىغا ئۇچراۋاتىدۇ.»
كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خاداغا ئوخشاش بىر قىسىم موڭغۇل زىيالىيلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگىنى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، ئەڭ ئېغىر جازالارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايدا تەقدىرداش مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، بۇ مىللەتلەرنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز پائالىيەتلىرىدە ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىلا ئاندىن بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش شارائىتىنى يارىتالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.