موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئەپەندى، 1995-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەتنى پارچىلاش ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. بۇلتۇر 10-دېكابىر كۈنى خادا ئەپەندىنىڭ جازا مۇددىتى تولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى 2010-يىلى 10-دېكابىردىن باشلاپ، خادا ھەم ئۇنىڭ ئايالى شىنا ۋە ئوغلى ۋېيلىسنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان. ئۇندىن باشقا خادا ئەپەندىگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان موڭغۇل يازغۇچىسى خۇ چىنخۇ خانىمنىمۇ 2011-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ نەزەربەند ئاستىغا ئالغان ئىدى.
چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 4 ئايدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خادا ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
بۈگۈن ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش كاتىپى كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى ھەم موڭغۇل يازغۇچىسى خۇ چىنخۇ خانىمنىڭ ئوغلى چېل بورجىگىن رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئەپەندى ھەم موڭغۇل يازغۇچىسى خۇ چىنخۇ قاتارلىقلارغا ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خادانىڭ جازا مۇددىتى تولۇپ قويۇلۇپ بېرىلىشى كېرەك بولسىمۇ، 4 ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقىنىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى تۈزگەن قانۇنغا ئۆزى ئەمەل قىلمىغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى.
«خادا ئەپەندىنىڭ جازا مۇددىتى 2010-يىلى 10-دېكابىر كۈنى تولغان ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە خادا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھەتتا خادا ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ خانىمى شىنانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمايۋاتىدۇ. بىز ھازىرغا قەدەر بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق. ئىچكى موڭغۇل ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگىمۇ خىلاپ بۇ قىلمىشى ئەڭ ئاددىي بولغان كىشىلىك ئەخلاق ئۆلچىمىگىمۇ خىلاپ بولغان ئىنتايىن شەپقەتسىزلىك دېيىشكە بولىدۇ.»
كھەيرېد كھاۋاسگالت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئىچكى موڭغۇل ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خادا ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان موڭغۇل زىيالىيلىرىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتكەن. كھەيرېد ئەپەندى خادا ئەپەندىنىڭ ساۋاقدىشى، يازغۇچى خۇ چىنخۇ خانىمنىمۇ 5 ئايدىن بۇيان نەزەربەند ئاستىغا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
موڭغۇل يازغۇچىسى خۇ چىنخۇ خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوغلى چېل بورجىگىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، موڭغۇل تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىككى پارچە فېليەتونلار توپلىمى بىلەن موڭغۇللار ئارىسىدا تونۇلغان ئاپىسى خۇ چىنخۇ خانىمنىڭ ئىلگىرى خادا ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك تەشكىلاتىغا ئەزا بولغىنى ئۈچۈن 1995-يىلدىن بۇيان نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چېل بورجىگىن ئەپەندى، ئۇزۇن يىللىق نازارەت ئاستىدا تۇرغىنى ئۈچۈن سالامەتلىكى ناچارلاشقان ئاپىسى خۇ چىنخۇ خانىمنىڭ 5 ئايدىن بۇيان نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىپ، ھەتتا ئۆزى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنىڭمۇ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكىدىن تولىمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«ئاپام خۇچىنخۇ خادا ئەپەندى بىلەن ساۋاقداش ھەم ئۇنىڭ يېقىن سەپدىشى. ئاپام خادا ئەپەندى قۇرغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك تەشكىلاتىغا ئەزا بولغىنى ئۈچۈن 1995-يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز نازارەت ئاستىدا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇلتۇر 11-ئايدا خادا ئەپەندىنىڭ جازا مۇددىتى توشۇشتىن بىر ئاي ئىلگىرى، ئاپام خۇ چىنخۇ ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە خادا ئەپەندىگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ، بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇ پۈتۈنلەي نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى. بۇ يىل 1-ئايدىكى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدىن بۇيان مېنىڭ ئاپام بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقەممۇ ئۈزۈلۈپ قالدى. ئاڭلىشىمچە، ئاپام ھازىر ئىچكى موڭغۇل ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەلۇم بىر مېھمانخانىغا قامىلىپ، نەزەربەند قىلىنىپتۇ. ئاپام ئىلگىرى راك كېسىلى ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان بولۇپ، ئاپامنىڭ يەنە يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى ھەم ئېغىر باش ئاغرىقى كېسىلى بار ئىدى. مەن ھازىر ئاپامنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن تولىمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن.»
چېل بورجىگىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، ئاپىسى خۇ چىنىخۇ ھەم خادا قاتارلىق زىيالىيلارغا ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئاپام خۇ چىنخۇ ئۆز يازمىلىرىدا دېموكراتىيە ھەم ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئەپەندىگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈنلا، پۈتكۈل ھاياتىنى نەزەربەند ئاستىدا ئۆتكۈزدى. ھازىر ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشتى. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، ئاپامغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئەركىنلىك بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغۇچى زىيالىيلاردىن سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي، مۇخبىر غەيرەت نىيازغا ئوخشاش زىيالىيلارنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىدلەشتىكى ھۇجۇم نىشانى بولماقتا ئىكەن.