خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى ميۇنخېن شەھرىنىڭ مەركىزىگە جەم بولۇپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

نامايىشقا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

د ئۇ ق تەپتىشلىرىدىن نۇرمەمەت روزاخۇن ئەپەندى، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىدى ھەققىدە توختالدى. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ ئۆز قەلب ئىزھارىنى بايان قىلدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى كۆتۈرگەن، خىتاي زۇلۇمى تەسۋىرلەڭەن تۈرلۈك لوزۇنكىلار ھەم رەسىم تاختايلىرىنى مەيدانغا يايغان، تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرىنى تارقاتقان ھالدا، نامايىشلىرىنى سائەت 14:00 تىن 16:00 گىچە داۋام قىلدى.

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش خەۋىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.