خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەر مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا
2004.11.16
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئېچىلغان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 13 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلۇش يىغىنىدا، خىتاي ئىچىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىدىئولوگىيە ساھەسى بويىچە تەربىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئوتتۇرغا قويۇلغان.
بۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى مەخسۇس سۆز قىلىپ، ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى تونۇپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتتىق قارشى تۇرۇپ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىگە زەربە بېرىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەكلىكىنى قاتتىق تەكىتلەپ، "ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇقىملىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەردە مۇقىملىقنى ساقلاشتا ھوشيارلىقنى كۈچەيتىشنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ئەڭ ئاساسلىق خىزمەت سۈپىتىدە قايتا تەكىتلىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدە ھەر خىل پىكىر ئېقىملىرىنى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىققا بولغان بۇ خىل ھوشيارلىق ھەرىكەتلىرى، خىتاي ئىچى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىمسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ دەپ قارىماقتا.
بۇ ھەقتە بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇزىكا دەرسلىرىمۇ خىتايچە ئۆتۈلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاراتقان كونتروللۇقىنى كۈچەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى چەكلىمەكتە
- كانادادىكى ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزدى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىدا بىر – بىرىگە مېھرى مۇھەببەت كۆرسەتمەكتە
- "ئۈچتە ئايرىلالماسلىق" مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قايتىلانماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق كرىزىسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا
- غالجاپ يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى