خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش چىقىمى ھەربىي چىقىمىدىن ئېشىپ كەتتى

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىق ئۈچۈن سەرپ قىلغان چىقىمى بارغانچە ئېشىپ بارغان.

0:00 / 0:00

بولۇپمۇ 2009-2010-يىللىرى خىتاينىڭ مۇقىملىقنى قوغداش سەرپىياتى ھەربىي خىراجىتىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەم تىبەت قاتارلىق جايلاردا مۇقىملىق ئۈچۈن سەرپ قىلغان خىراجىتى ھەم بۇ جايلاردىكى باستۇرۇشىنىڭ پۈتكۈل خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-2010-يىللىق سەرپىياتى خۇلاسىلىنىپ، 2011-يىللىق خامچوت پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ھەم دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك چىقىمى بۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا 14-مارت كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك چىقىمىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى دەپ ئاتالغان ھەربىي چىقىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2010-يىلى خىتاينىڭ دۆلەت مۇقىملىقى ئۈچۈن سەرپ قىلغان چىقىمى 15.6% ئېشىپ، 549 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى سەرپ قىلىنغان. بۇنى دوللارغا سۇندۇرغاندا 84 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ 2010-يىلدىكى ھەربىي خىراجىتى 7.8% ئاشقان بولۇپ، 533.4 مىليارد يۈەن بولغان. خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ 2011-يىللىق مۇقىملىق ھەم دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتى ئېلان قىلىنغان. خىتاينىڭ 2011-يىللىق مۇقىملىقنى قوغداش چىقىمىنى 13.8% ئاشۇرۇش بەلگىلىنىپ، 624 مىليارد يۈەن يەنى 95 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىدۇ دەپ بېكىتىلگەن. 2011-يىللىق ھەربىي چىقىمى 12.7% ئاشۇرۇلىدۇ دەپ بەلگىلىنىپ، 600.2 مىليارد يۈەن يەنى 92 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىدۇ دەپ بېكىتىلگەن.

خەۋەردە يەنە، خىتايدىكى مۇقىملىق ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان سەرپىياتنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي چىقىمىدىن ئېشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرمۇ بېرىلگەن.

ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى ئېدۋاردس فرىئېدمان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىملىق ئۈچۈن سەرپ قىلغان سەرپىياتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىدىن يۇقىرى بولۇشى، خىتايغا كېلىدىغان ئاساسى خەۋپنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.

پروفېسسور ئېدۋاردس فرىئېدمان ئەپەندى يەنە ئامېرىكىنىڭ 2010-يىللىق ھەربىي چىقىمى بىلەن دۆلەت ئىچى ئامانلىقى چىقىمى نىسبىتىنىڭ خىتاي بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن:
«2010-يىلى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي چىقىمى 572 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولدى. ھالبۇكى، دۆلەت ئىچى ئامانلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان چىقىم بۇنىڭ ئاران 10دىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، 47 مىليارد 300 مىليون دوللار بولدى. مېنىڭچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پەرق بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتتىن رازى بولۇش نىسبىتىدە زور پەرق بارلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىق ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان چىقىمىنىڭ ئەڭ زور قىسمى شەرقىي تۈركىستان ھەم تىبەتكە ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەر توپلىنىپ ياشاۋاتقان زېمىنلارغا قارىتىلغان ئىكەن. چۈنكى بۇ مىللەتلەر خىتايدا خىتاي خەلقى ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن باشقا يەنە، قوشلاپ ئېغىر دەرىجىدىكى مىللىي زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر، تىبەت، قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ئەڭ قاتتىق ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مىللەتلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان چىقىمىمۇ خىتاي بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆز بايانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا ساقچى، دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى، دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى، قوراللىق ساقچى قاتارلىقلار ئارقىلىق، بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ خىل باستۇرۇش ھەم تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2011-يىلى 11-مارت كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان دۇنيادىكى 198 دۆلەت ۋە رايون، 500 دىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى باستۇرۇش، شۇنداقلا تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىش، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى بېسىمغا ئۇچراش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇنداقلا 5‏-ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر يىغىنىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى قاتارىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىنكى يىللاردا خىتاي دۆلەت ئىچى مۇقىملىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان چىقىمىنى يەنە ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ ھەر خىل دېموكراتىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ قاتتىق باستۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.