مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2001- يىلىدىن بۇيان كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان " تېررورلۇققا قارشى كۈرەش" ئاتالغۇسىنى تەكىتلەشنى بىردىنلا پەسەيتىشى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
24- دېكابىر ئۇيغۇر ئېلىدە چاقىرىلغان " شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمەت يىغىنى" ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىگە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان چاقىرىلغان كۆلىمى بىر قەدەر زور بولغان مۇقىملىق يىغىنى بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى، ھەربىي، سوت، بىڭتۇەن، قاتارلىق ئورۇنلار، ھەرقايسى ئىدارە-جەمئىيەت ۋە مەكتەپ مەسئۇللىرى قاتناشتۇرۇلغان.
يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى رىياسەتچىلىك قىلغان.
يىغىندا ئۇيغۇر ئېلى "مۇقىملىقىغا ئاساسىي خەۋپنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىكتىن كېلىدىغانلىقى"، بۇنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئاتالغۇسى قايسى دەۋرلەردىن بۇيان بىر قەدەر كۈچلۈك رەۋىشتە ئىشلىتىلىشكە باشلانغان؟ بۇ ھەقتە توختالغان ئاسىيا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەن ئىكەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم نۆۋەتتە تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلماقتا.
يىغىندا سۆز قىلغان جاڭ چۈنشيەن، ئۇيغۇر ئېلى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ چوڭ جەھەتتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ: " شۇنى ئوچۇق كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسى يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز. دۆلەت ۋە رايون ئىچى-سىرتىدىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار يەنىلا مەۋجۇت. مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن" دېگەن.
جاڭ چۈنشيەن يەنە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مۇقىملىق خىزمىتىگە قارىتا قىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى، يېتەكچى كۆرسەتمىلىرىنى تەكىتلىگەن ۋە "مەركىزىي ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ئاساسىي خەۋپنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىكتىن كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت توغرا يەكۈندە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىمىز كېرەك" دېگەن.
يىغىندا نۇر بەكرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان "3 خىل كۈچ" كە زەربە بېرىشنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ يەنىلا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزلىرىنى" ئەستايىدىل ئۆگىنىش" كە دەۋەت قىلغان.
ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001- يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن "11- سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەلگە قارىتا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان "تېررورلۇققا قارشى بوشاشماي كۈرەش قىلىش" ئاتالغۇسىنى ئىستېمالدىن قالدۇردىمۇ، ياكى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق تەكىتلەيدىغان تاكتىكا قوللىنىشقا باشلىدىمۇ؟
بۇ ھەقتە توختالغان ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارادا "تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش" شاۋقۇنى 2001- يىلدىكىگە قارىغاندا مۇئەييەن دەرىجىدە پەسكويغا چۈشكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئاتالغۇلىرىنى مەزكۇر ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگەرتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
يىغىندا "5- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن قاتتىق تەكىتلىنىپ كېلىنىۋاتقان " كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەندىن باشقا، ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا، "ئاممىنىڭ خىزمەت، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، نامراتلىق ۋە مائارىپ قاتارلىق مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش" كېرەكلىكى، "پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىققا قۇچاق ئېچىش، ئۆزئارا مىننەتدار بولۇش" قاتارلىقلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ ئاي كىرگەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم يىغىن ئاچتى.
بۇنىڭ بىرى، 9- دېكابىر خىتاي مەركىزىي سىياسىي بيۇرو ئەزاسى جۇ يۈنكاڭ بېيجىڭدا ئاچقان يىغىن بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەنمۇ قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىمۇ 16- دېكابىر "جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمەت يىغىنى" نى ئېچىپ جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ 2004- يىلدىن بۇيان "3 خىل كۈچ" كە زەربە بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلىگەن ئىدى.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا قېيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.