خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا نىسبەتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۆكتىچى تەشكىلاتلار ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئەھۋالىنى كۆزەتكۈچىلەر ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى قورال كۈچى ئارقىلىق ساقلىيالمايدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2 - فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 5000 نەپەر پەۋقۇلئاددە قوراللىق ساقچىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇلاردىن 3600 نەپىرى قوبۇل قىلىنغان. ھازىر بىر ئايلىق ئالاھىدە تەربىيىلەشتىن كېيىن 1 - تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنغان 2360 نەپەر پەۋقۇلئاددە ساقچى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.
چەتئەللەردىكى ئۆكتىچى كۈچلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھەم نيۇيوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى خې چىڭليەن خانىم رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئۇلار ئۆز بايانلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا تىنچسىز تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان قانۇن - نىزاملارنى يولغا قويۇش، رايوندىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىدىن تارتىپ ئاددىي دېھقانلارغىچە، ئائىلە ئاياللىرىغىچە، گۆدەك ئۇيغۇر بالىلىرىدىن تارتىپ، ياشانغان بوۋاي - مومايلارغىچە بولغان ئومۇمىي خەلققە قارىتا، "مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەربىيىسى" ئېلىپ بېرىشتەك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى قوللانغانلىقىنىڭ سىرتىدا، رايوندىكى ساقچى - ئەسكەرلەرنى كۆپەيتىش ئارقىلىق رايوندا "مۇقىم ۋەزىيەت" بەرپا قىلماقچى بولۇشىنى تەنقىدلەپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى قورال كۈچى ئارقىلىق ساقلىيالمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاشنىڭ ئورنىغا، بۇ رايوندا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ساقچى -ئەسكەرلەرنى كۆپەيتىش ئارقىلىق رايوندا نىسپى مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بىھۇدە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قورال كۈچى ئارقىلىق، باستۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان مۇقىملىقىنىڭ كەينىدە تېخىمۇ زور بولغان "مۇقىمسىزلىق" ئامىللىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا "مۇقىملىق" نى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا قاتتىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نيۇيوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى خې چىڭليەن خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان "قاتتىق باستۇرۇش" سىياسىتىگە نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھېچقاچان بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ھالدا ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئەركىنلىكى ئۈستىگە قۇرۇلمىغان، بەلكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ بۇ رايونغا ئاپتونوم رايون نامىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رايوندىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى "مۇقىملىق"نى تەكىتلەپ رايون ۋەزىيىتىنى قورال كۈچى ئارقىلىق كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ."
خې چىڭليەن خانىم ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان مۇقىملىق ئەمەلىيەتتە پەقەت شىنجاڭنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بۇنى پۈتۈن خىتاي ۋەزىيىتى بىلەن باغلاپ قاراش كېرەك. ھازىر 3 ئامىل خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا "مۇقىملىق"نى تەكىتلىشىگە سەۋەب بولماقتا. 1 - دىن ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقلىرى كۈچىيىپ تىنچسىز ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە، ھەر يىلى 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەر قايسى جايلاردا يۈز بەرمەكتە، بۇ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دەك زور ۋەقەلەرنىڭ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ 2 - دىن ھازىر خەلقئارادا تىبەت ۋە شىنجاڭنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلار بارغانچە كۈچەيمەكتە، خەلقئارادىمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەر چەتئەللەردىكى تىبەت ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولماقتا. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خەلققە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە؛ 3 - دىن خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئالغاندا، ھازىر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ رايوندا باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايدۇ دەپ قارىماقتا. ئۇ دۇنيا ئىقتىسادى ئاجىزلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىش، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىران ھەم شىمالىي كورېيىنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالاۋاتقانلىقى قاتارلىق پۇرسەتتىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، مانا مۇشۇ 3 سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك."
خې چىڭليەن خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا رايوندا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە رايوندا بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپلىگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، ئاخىرىقى ھېسابتا بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پۈتۈن خىتاي دۆلىتىگە كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇ چاغدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى قورال كۈچىنى كۆپەيتىپ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىش ئارقىلىق رايوندىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن، بەلكى بۇ رايوننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆز زېمىنىغا ھەم بايلىق مەنبەلىرىگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، رايوندا دېموكراتىك تۈزۈم يولغا قويۇلغىنىدىلا ئاندىن بۇ رايوندا تىنچ ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ رايوندا قانلىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلماقچى ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.