ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۇنجى ئىسلاھات بايراقدارى مۇسا جارۇللاھ

تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئۇيغۇرلار بىلەن تاتارلار ئىكەنلىكىنى باشقا مىللەتلەرمۇ ئېتىراپ قىلىپ كەلمەكتە ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن تاتارلارنىڭ ئىسلام ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى سۆزلىمەكتە.

0:00 / 0:00

«ئانا يۇرت» رومانىنىڭ ئاپتورى مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا:« ئۇيغۇرلار بىلەن تاتارلار تۈرك قەۋملىرى ئىچىدە ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك خەلقلەردىن بولغانلىقى سەۋەبلىك، ستالىن بۇ ئىككى مىللەتكە رېسپۇبلىكا قۇرۇپ بېرىشتىنى خالىمىغان».

ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئابدۇلقادىر داموللامغا ئوخشىغان ئوت يۈرەك كىشىلەر خەلقنى ئويغىتىش ۋە يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ئىلىم - پەننى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا كۈچ سەرپ قىلغان بولسا، تاتارلاردىن مۇسا جارۇللاھغا ئوخشىغان كىشىلەر كېلىۋاتقان خەتەردىن خەلقنى ئويغىتىش ۋە يېڭىچە ئوقۇتۇش يولى ئېچىپ مائارىپنى گۈللەندۈرۈش يولىدا جان پىدا قىلغان ئىدى.

مۇسا جارۇللاھ ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتى بىلەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە نەشرىياتچى ئابدۇلجېلىل تۇرانغا بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلجېلىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلجېلىل ئەپەندى مۇنداق دېدى:« مۇسا جارۇللاھ جەدىدىزىمنىڭ بايراقدارى دەپ تونۇلغان ئالىم. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ئالىمنى مەيلى زىيالىيلار قاتلىمىدىكىلەر بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى خەلق بولسۇن ھەممە ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار مۇسا جارۇللاھنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقىيالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شۆھرىتىنى بىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئالىم تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەپسانىگە ئايلانغان بىر كىشى. ئۇنىڭ كۆپ كىتابلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرىشەلمىگەن. ئۇنىڭ قۇرئان كەرىم ھەققىدە ئايرىم چۈشەنچىلىرى بولغان. بىز تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئالىمنىڭ كۆپ كىتابلىرىنى كۆردۇق، تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىمۇ كۆپ. بۇ كىشى قەشقەرگە بارغان ۋە مەككىدە چاقىرىلغان ئىسلام قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋەكىللىك قىلغان.»

جەدىدىزم بايراقدارى مۇسا جارۇللاھ

مۇسا جارۇللاھ 1875 - يىلى رۇسىيىنىڭ ياۋروپا قىسمىدىكى دون دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدىكى ئازاك قەلئەسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان روستوف شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. پەلسەپە، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ساھەلىرىدە بىلىم ئالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيىنىڭ داڭلىق مەدرىسىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، بۇ مەدرىسىلەرنىڭ ھېچبىرىگە قايىل بولمىغان مۇسا جارۇللاھ مىسىر، ئىراق، ئىران، سۈرىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، رۇسىيىگە قايتىپ كېلىپ خەلقنى ئويغىتىش ۋە يېڭىچە مائارىپنى يولغا قويۇش ئىشىغا قەدەم قويغان. بۇ مەزگىللەر چار رۇسىيىنىڭ كوممۇنىستلار بىلەن ئېلىشۋاتقان چاغلىرى بولغانلىقتىن، خەلقنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش تاماسى بىلەن مۇسا جارۇللاھنىڭ جەدىدىزم ھەرىكىتىگە دەسلەپتە يول قويغان چار رۇسىيە پادىشاھلىقى كېيىنچە بۇ ھەرىكەتنى بوغۇشقا باشلايدۇ.

1917 - يىلى رۇسىيىدە پارتلىغان ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مۇسا جارۇللاھ رۇسىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ چىرايلىق ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇلارغا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەتتا كرېمل سارىيىدا ئۇزۇن - ئۇزۇن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. ئاخىرىدا رۇسىيىدە مۇسا جارۇللاھنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندا، يۇرتىنى تاشلاپ چەت دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

مۇسا جارۇللاھنىڭ پائالىيەتلىرى

مۇسا جارۇللاھ 1918 - يىلى پېتربورگتا « ئەل مۇنبەر» ناملىق ژۇرنالنى چىقىرىپ، يېڭىلىققا دائىر ماقالىلەرنى كەڭ ئېلان قىلىپ خەلقنى ئويغىتىشقا تىرىشقان. ئۇ 20 گە يېقىن كىتاب يازغان بولسىمۇ، بۇ كىتابلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى1925 - يىلى ئۇفادا يازغان« ئىسلامدا مەس قىلگۇچى نەرسىلەرنىڭ ھۆكۈمى»ناملىق ئەسىرى ئىدى.

ئۇ 1926 - يىلى مەككىدە چاقىرىلغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىغا يەتتە كىشىلىك بىر گۇرۇپپا بىلەن مەككىگە كېلىپ، قەشقەر مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا قاتناشقان.

مۇسا جارۇللاھنىڭ ۋاپاتى

مۇسا جارۇللاھ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، مۇساپىرچىلىقتا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىلمىي خىزمىتىنى گاھ ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن، گاھ ژۇرنال چىقىرىپ ماقالە ئېلان قىلىش بىلەن ئېلىپ بارغان. ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ يۇرتىغا بارالمىغان. ئاخىرى مىسىرغا بېرىپ پاناھلىنىپ 1947 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ۋاپات بولغان. مىسىرنىڭ «ئەل ئېھرام» گېزىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇسا جارۇللاھ ئەينى ۋاقىتتىكى مىسىر پادىشاھ ئائىلىسىنىڭ زور ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن ۋە قەبرىسى مىسىردىكى خىدىۋىيە جەمەتىنىڭ پادىشاھلىق مازارلىقىدىن ئورۇن ئالغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.