تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى لىدېرى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى 17-فېۋرال كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ، سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن.
ئۇ سۆزىدە، خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شىجىنپىڭ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەندە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بۈگۈن تۈركىيىگە كېلىدىغان شى جىنپىڭگە، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئابدۇلخەمىت داۋۇتوغلۇ، ئەخمەت رەشىت ۋە كەمال ئۆمەروغلۇ قاتارلىق تۈرك گرازھدانى 3 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مۇستافا دەستىچى ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۇنيادىن ئۇزاق تۇتۇش سىياسىتى ئېلىپ بارسا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز شەكىلدە تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ ئەكىتىۋاتقانلىقىنى، تاجىكىستاندا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 3 ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، تېخىغىچە ئىزدىرىكى يوقلۇقىنى دېگەن. ب ب پ لىدېرى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭگە نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
بۇلاردىن باشقا يەنە تۈركىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل باشلىقى فارۇق لوغئوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا 18-فېۋرال كۈنى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى فارۇق لوغئوغلۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى دېگەن.
خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيىگە 20-چېسلا ئاخشام كەلمەكچى بولۇپ، تۈركىيە بۇ زىيارەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۆكتىچى پارتىيىلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر خىل يوللار بىلەن كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشماقتا.