مىسىردا يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلار بۈگۈنمۇ خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم خەۋىرى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدا مىسىردىكى ئاممىۋى نارازىلىقتىن كېيىن مىسىرنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى نامايىش قىلغان خەلققە ئوق چىقارمايدۇ دەپ جاكارلىغانلىقى، مىسىردىكى نارازىلىق نامايىشى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ مىليون كىشىلىك نامايىش دەرىجىسىگە يېتىۋاتقانلىقى، مىسىر ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى، مىسىردىكى ئاممىۋى نارازىلىق باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىۋاتقانلىقى، چەتئەللەر ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنى 3-ئايغىچە مىسىردىن چېكىندۈرۈپ بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەرەب خەۋەرلىرى» ۋە «يىلنامە» دېگەن ئەرەب گېزىتلىرىدە، ھۆسنى مۇبارەكنىڭ بالا-چاقىلىرى ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەنلىكى، پرېزىدېنت مۇبارەك ئۆزى بولسا، تېخىچە مىسىر خەلقىگە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرۈۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى خەۋەر قىلدى. يېڭى زېللاندىيىدە خىتايچە چىقىدىغان «يېڭى گېزىت» نىڭ مۇھەررىرى چېن ۋېجەنمۇ بۈگۈن بوشۈن تور گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ "ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈۋالغان مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرمۇ ئاغدۇرۇلۇشتىن خالى بولالمايدۇ" دەپ تەھلىل قىلدى. ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەن، "ياۋروپادىكى كوممۇنىزم بۇرجىكى گۇمران بولغىلى 20 يىلدىن ئاشتى، ئەرەب ئەللىرىدىكىسى ھازىر گۇمران بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى گۇمران بولۇش نۆۋىتى 'ئاسىيادىكى كوممۇنىزم بۇرجىكى' گە كەلدى" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ قاھىرەدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان مىسىر خەلقى قاھىرەدىكى ئەل تاھرىر مەيدانىغا قاراپ ئېقىۋاتىدۇ. ئۇلار 'بۇ دۆلەتتە خەلق قالسۇن، مۇبارەك كۆزدىن يوقالسۇن' دەپ شوئار توۋلىماقتا. بەزى نامايىشچىلار بولسا بۇ شەھەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ يۈرگەن تىك ئۇچارلارغا 'مۇبارەكنى ئېلىپ كەت' دەپ ۋارقىراۋاتىدۇ. پەرەز قىلىنىشىچە، نامايىشقا قاتنىشىدىغان ئادەم مۇشۇنداق ئۇلغىيىۋەرسە، بىر مىليونغا يېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
نامايىشقا ب د ت نىڭ يادرولۇق ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ باشلىقى، 2005-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان مىسىرلىق مۇھەممەت ئەل بارادىمۇ كەلگەن، ئۇ، خەلقىنى مىسىر تارىخىدا بىر 'يېڭى سەھىپە' ئېچىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە مىسىر ھەربىي قىسىملىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقارمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى رايونلارغا زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي قىسىملار يەنىلا ۋەزىيەتكە جىددىيلىك تۈس قوشماقتا.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان 'مۇستەقىللىق گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس خادىمى ناۋى پىللاي بۈگۈن ' تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىسىردا پرېزىدېنت مۇبارەكتىن ھوقۇق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، ھازىرغا قەدەر 300 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى' دەپ بايان قىلغان.
دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن يەنىلا، مىسىردا يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىشىنى دۇنيادىكى ئەڭ جىددىي ۋەقە دەپ خەۋەر قىلدى. بەزىلىرى مىسىرنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى نامايىش قىلغان خەلققە ئوق چىقارمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى، مىسىر ئارمىيىسى خەلقنى باستۇرمايدىغان ئارمىيە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ خەۋەر قىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى مىسىردىكى نارازىلىق تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، ھازىر مىليون كىشىلىك نامايىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، مىسىردىكى ئاممىۋى ھەرىكەت باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. بەزىلىرى ھازىر مىسىرنىڭ ئىقتىسادىي پالەچ بولغانلىقى، چەتئەللەر مىسىردىكى پۇقرالىرىنى 3-ئايغىچە پۈتۈنلەي مىسىردىن چېكىندۈرۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە پەرەز ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەرەب خەۋەرلىرى» ۋە «يىلنامە» دېگەن ئەرەب گېزىتلىرىدە بولسا، ھۆسنى مۇبارەكنىڭ بالا-چاقىلىرى ئاللىقاچان ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى، پرېزىدېنت مۇبارەك بولسا تېخىچە مىسىر خەلقىگە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ۋەدە بېرىپ ۋەزىيەتنى كېچىكتۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
يېڭى زېللاندىيىدە خىتايچە چىقىدىغان 'يېڭى گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى چېن ۋېيجەن بۈگۈن بوشۈن تور گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ 'ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈۋالغان مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرمۇ ئاغدۇرۇلۇشتىن خالى بولالمايدۇ' دەپ تەھلىل قىلدى.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئوخشىمىغان سىياسىي تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر بىلەنمۇ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغان دىپلوماتىيە قوللىنىشقا باشلىغان ئىدى. بەزى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا بىلەن دوستلۇق، ھەمكارلىق ئورنىتىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، بۇنداق شەكىل بىلەن ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى تىكلەپ، خەلققە قاتتىق زۇلۇم سېلىشقا باشلىدى. مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك دەل شۇنداق مۇستەبىت. مىسىردا مۇستەبىتلىك ھەددىدىن ئاشقان، مۇبارەك ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى خىيانەتچىلىك، چېرىكلىكتە چېكىدىن ئاشقان، بۇ دۆلەتتە نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭلاپ كەتكەن، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن، جەمئىيەتتە ئىشسىزلىق ئىنتايىن ئېغىر. قەدىمىي مەدەنىيەت دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان مىسىردا يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتنى، پرېزىدېنت مۇبارەك ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈۋېلىپ تۇرۇپ پەيدا قىلغان.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا تۇنىستا يۈز بەرگەن رەڭلىك ئىنقىلابتا، تۇنىس پرېزىدېنتى دۆلەتنى خەلققە تاشلاپ بېرىپ قاچتى، بۇنداق رەڭلىك ئىنقىلاب مىسىرغا كېڭەيدى. ئامېرىكا دائىرىلىرى ھازىر مىسىر پرېزىدېنتىنى دېموكراتىيىگە تىنچ شەكىل بىلەن كۆچۈشكە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك ھازىر خەلقنىڭ مۇھاسىرىسى ئىچىدە قالدى. ھازىر ئۇنىڭ ھەربىي قىسىملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، خەلقنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىشىدىن ئۈمىد يوق. ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈۋالغان بۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر ئاغدۇرۇلۇشتىن خالى بولالىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈۋالغان مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ ئاغدۇرۇلۇشتىن خالى بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مىسىر 1960-يىللاردا ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەب مىللەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان ئەڭ چوڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك دۆلەت ئىدى. بۇنداق ۋەزىيەت 50 يىلدىن كېيىن ئۆزگەردى. ئوتتۇرا شەرقتە ھازىر ئەرەب دۆلىتى ياكى ئافرىقا دۆلىتى بولمىغان ئىسرائىلىيە، تۈركىيە، ئىراندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك رول ئوينايدۇ. مىسىر ھۆكۈمىتى بولسا، ھازىر تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرۈلۈپ كېتىشكە يۈزلەنمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەننىڭ بايان قىلىشىچە، مىسىردا 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇندا، مىسىر، ئەمگەكچىلەر بىرلىكى ئاساسىدىكى دېموكراتىك، سوتسىيالىستىك دۆلەت؛ خەلق پارلامېنتى دۆلەت پرېزىدېنتى ئۈچۈن نامزات كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇنى خەلق سايلاپ چىقىدۇ؛ دۆلەت باشلىقى ھەربىي قىسىملارنىڭ باش قوماندانى دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن 1980-يىلى تۈزىتىلگەندىن كېيىن، كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم يولغا قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. مىسىردىن ئىبارەت بۇ سوتسىيالىستىك ئەرەب دۆلىتىدە ھازىر چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بۇ چوڭ ئۆزگىرىش ھازىر پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىنى تەۋرەتمەكتە.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپادىكى كوممۇنىزم بۇرجىكى گۇمران بولغىلى 20 يىلدىن ئاشتى، ئەرەب ئەللىرىدىكى مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەر ھازىر گۇمران بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى گۇمران بولۇش نۆۋىتى مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەكنى 'مۇقىملىقنى ساقلاش' قا (خەلقنى باستۇرۇشقا) كۈشكۈرتۈۋاتقان 'ئاسىيادىكى كوممۇنىزم گۈرجىكىگە كېلىپ قالدى.