خىتاي ھەج ئۆمىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىشى ئەيىبلەندى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەجىچىلەر مەككە مۇكەررەمگە يىغىلىپ، ھەج پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى تەييارلىقىنى پۈتتۈردى. ھەج پائالىيىتى زۇلھەججىنىڭ8‏ ئى، يەنى چارشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق مۇھاجىرلار ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ ناھايىتى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدا ھەج قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.22
hej-mekke-medine-305.jpg بىر كۈن ئىچىدە مەككىگە ھەج ئۈچۈن يىغىلغان 2 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان. 2010-يىلى 16-نويابىر.
AFP

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىشلىرى ئورگىنى مەسئۇللىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل خىتاينىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ھەج ئۆمىكىگە قېتىلىپ، 13 مىڭ 800 ئادەم ھەجگە كەلگەن. بۇ ئۇيغۇر، تۇڭگان، تاجىك، قازاق، قىرغىز قاتارلىق خىتايدىكى بارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇيغۇرلار خىتايدىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندە 50% نى ئىگىلىسىمۇ، بىراق خىتاي ھەج ئۆمىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 1800 ئەتراپىدا بولۇپ، خىتاي ھەج ئۆمىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 15% گىمۇ يەتمەيدۇ.

2006‏-يىلى، تارقاق ھەجگە ماڭغان تەخمىنەن 5 مىڭدەك ئۇيغۇر پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ئولتۇرۇۋېلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاق ھەج قىلىشنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي سەئۇدى ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ، تارقاق ھەج قىلىنغۇچىلارغا ۋىزا بەرمەسلىك، ئۇيغۇرلارنى تەشكىللىك ھەجگە ئاپىرىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارقاق ھەج قىلىشنى چەكلەشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىگە سان، پاسپورت ۋە باشقا جەھەتلەردىن چەكلىمە قويۇشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ۋە سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەج سىياسىتىگە ئەمەل قىلغاندىمۇ، ئۇيغۇرلاردىن ھەر يىلى ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئادەم ھەجگە كېلىشى كېرەك.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشىغا سان ۋە باشقا جەھەتلەردىن چەكلىمە قويغاندىن سىرت، ئۆمەك ئارقىلىق ھەج قىلىشقا بارغان ئۇيغۇرنىڭ ھەج جەريانىدىكى ئىبادەت پائالىيىتى ۋە ھەرىكىتىگە قاتتىق چەكلىمىلەر قويۇلغان. ئۇلارنىڭ پاسپورتى يىغىۋېلىنىپ، مېھمانخانا سىرتىغا چىقىشى، چەتئەللىكلەر بىلەن سۆزلىشىشى، خالىغان جاينى تاۋاپ قىلىشى، يەرلىك ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە بازار ئايلىنىشى مەنئى قىلىنغان.

سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەج قىلىشنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىر قانچە مۇھىم شەرتى بار. بۇ شەرتلەرنىڭ بىرى ۋە ئەڭ مۇھىمى ھەج قىلغۇچى كىشى كونتروللۇقتىن خالى، ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى شەرت. يەنە بىرى، ھەجگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا پارا ئېلىش ۋە پارا بېرىشنىڭ ھەر ئىككىسى ھارام قىلىنغان. سىراجىدىن ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەجىچىلىرىنىڭ بۇ ھەر ئىككى شەرتنى ھازىرلىغانلىقى گۇمانلىق، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەج قىلىش چەكلىمىسى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئېلان قىلغان دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ ھەج سىياسىتى تەنقىد قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشى ھەر خىل توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى، سەپەر قىلىشى چەكلەشكە ئۇچراش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا سىياسىي ئۆلچەم قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە چەكلىمە قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئەركىن ۋە خۇشال ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە، نوقۇل ياشانغانلارنى ھەجگە تەشكىللەپ، ھەج قائىدىسىدىكى ئاياللار مەھرىمىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەئەبە، مىنا، مۇزدەلفە، ئارافات تېغى پۈتكۈل ئىبادەت جەريانىدىكى مۇسۇلمانلار ھەج رەسمىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم 4 مۇقەددەس ئورۇن. سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئىزچىل بىرلا ۋاقىتتا نەچچە مىليون ئادەمگە قانداق مۇلازىمەت قىلىش، ھەجنىڭ بىخەتەرلىكى، يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە ئاساسى ئەسلىھەلەرگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىگە ئۇچراپ كەلدى. ئۇلار بۇ يىل 293 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، مىنا، مۇزدەلفە ۋە ئارافات تېغىنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىغان. بىخەتەرلىكنى قوغداش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان.

بۇ يىلقى ھەج سۈرىيىدە ئىسيان پارتلاپ، سۈنئىي مۇسۇلمانلار بىلەن ھاكىمىيەتنى نۇسەيرى ئالەۋىلىرى ئىگىلەپ تۇرغان سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى ئۇرۇش شىددەتلىك داۋام قىلىۋاتقان، شۇنداقلا يەنە لىۋان ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. سەئۇدى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە ئەخمەت بىن ئابدۇل ئەزىزى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ھەجنى «سىياسىيلاشتۇرماسلىق» قا ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.