يىغىندا ئاساسلىقى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردە نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكتە قىلالايدىغان ئىش ئىمكانىيەتلىرى، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىشى دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردا سۆز قىلىندى.
5 - ئاينىڭ 27 - 28 - كۈنلىرى ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىنغا مالايسىيە، ھىندونېزىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران قاتارلىق 41 دۆلەتتىن سىياسىي پارتىيە رەئىسلىرى ياكى ۋەكىللىرى بولۇپ 153 رەھبەر قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت قاتناشتى.
يىغىندا تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەجمىدىن ئەرباقان، سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈركىيە ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى رىجائى قۇتان قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
يىغىندا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ غەرب ئەللىرى ۋە ئامېرىكىدىن ئۇزاقلىشىپ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشنىڭ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ھەر قانداق دىنغا قارشى تۇرىدىغان، كوممۇنىزم، ئاتىزم، ماتېرىيالىزم دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ماركىسىزم ۋە لېنىنىزم نەزەرىيىسى بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دىن دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىز، بۇ يىغىندا، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئىسلامغا بولغان خاتا چۈشەنچىلەر دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان، تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ۋە سائادەت پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور ئويا ئاقگۈنەنچ خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال:
ھۆرمەتلىك پروفېسسور ئويا خانىم سىزچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى پەلەستىن مەسىلىسىدىنمۇ ئېغىر دېيىلىۋاتىدۇ، ئۇنداق ئىكەن نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە خەلقئارانىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلمەيدۇ؟
جاۋاپ:
ئەلۋەتتە بۇ، رايونلۇق ۋە دۇنيادىكى خەلقئارالىق سىياسى مۇناسىۋەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش، ئالدى بىلەن خەلقئارا سىياسەت ھەققىدە توختىلىمەن، خەلقئارا سىياسەتتە چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، 1990 - يىل بىلەن 2000 - يىل ئوتتۇرىسىدا دۇنياغا ئامېرىكىنىڭ كۈچى ھاكىم ئىدى، ئەمما ھازىر يېڭى بىر كۈچ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ خىتاي، خىتاي ئىقتىسادىي، پەن - تېخنىكا، سودا - تىجارەتتە چوڭ بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە رۇسىيىمۇ تەدرىجى ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك دۆلەتلىرى ئۆز ئالدىغا ئوخشىمىغان بىر تەشكىلات قۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئەسلىدە رايونلۇق سىياسەتلەر. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا چوڭ بىر ئۆزگىرىش ئىچىدە قالدى، بۇنىڭ تەسىرىدە ھەر دۆلەتنىڭ ئىچىدە بىر مەسىلە كۆرۈلۈۋاتىدۇ، يەنى پەقەت خىتايدىلا ئەمەس، رۇسىيىدە چېچەن مەسىلىسى بار، ھىندىستاندا، پاكىستاندا كەشمىر مەسىلىسى بار، ھەر دۆلەتتە بۇ خىل مەسىلىلەر مەۋجۇت، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئاخباراتچىلارغا چەكلىمە قويۇپ ئاخباراتچىلارنى بەزى رايونلارغا دىققەت قىلىشتىن ئۇزاق تۇتۇۋاتىدۇ. دېمەك، خەلقئارا ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆپىيىشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمەسلىكىنىڭ بىرىنچى سەۋەبى.
ئىككىنچى سەۋەبى، رايوندا بەك كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، يەنى، خىتاي، بىر تەرەپتىن رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستان بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇۋاتىدۇ، دېمەك بۇ يەردە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر مەۋجۇت، ئاخباراتچلار بۇلارنى ئاڭلىتىشتا يەنە، خىتاينىڭ ئىچىگە كۆپرەك يۈزلىنەلمەيۋاتىدۇ.
ئۈچىنچى سەۋەب، دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۈچ كەلدى. ئىقتىسادىي كرىزىسقا قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ قولىدا كۆپ مىقداردا پۇل بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان نۇرغۇن زايۇم بار، يەنى ھازىر ئامېرىكا ئاخباراتلىرى بولسۇن، ياۋرۇپا ئاخباراتلىرى بولسۇن، خىتاي بىلەن قارشىلىشىشنى خالىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاخباراتلاردا يېتەرلىك ئېلان قىلىنمايۋاتىدۇ، چۈنكى دۇنيادا ئىقتىسادى كرىزىس بار، دېمەك بۇ ئۈچ چوڭ ئامىل بىرلا ۋاقىتتا يۈزلەنگەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئەڭ ئېغىر ۋە مۇھىم بولسىمۇ 4 - ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.
سوئال:
ھۆرمەتلىك پروفېسسور ئويا خانىم، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە قايسى ۋەزىيەتتە؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا تۈركىيىدە قانداق خىزمەت ئىشلىنىۋاتىدۇ؟
جاۋاپ:
شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز، تۈركىيە ئۈچۈن ھەر زامان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. بۇ، كەسكىن بىر تەلەپپۇزدا ئىپادە قىلىنىشى كېرەك. مەن شۇنى دەيمەنكى، ھەر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ چېكىۋاتقان زۇلۇمى، ئۇلار ياشاۋاتقان ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ، ئۇلارنى خاتىرىلەپ ياخشى تىلەكلەر ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. دۇئا قىلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيە ھەم خىتاي بىلەن، ھەم پاكىستان بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتىدۇ، مەن شۇنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمەن، بەزى ۋاقىتلاردا، دىپلوماتىيە يولى بىلەن، ياخشى سۆزلەر بىلەن، دوستلارچە مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلار تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ، مەسىلەن، مەن بىر دوستۇمغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى قىلىشنى ئىلتىجا قىلسام، ئۇ ئىشنى قىلىشنى خالىمىسىمۇ، مېنىڭ دوستلۇق يۈز خاتىرەم ئۈچۈن ئۇ ئىشنى قىلىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇرۇش قىلىش باسقۇچىغا يۈزلەنمەسلىك ئېنىق. ئۇنداق ئىكەن، دوستلارچە، دىپلوماتىيە يولى بىلەن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش مۇمكىن، سۆزۈمگە دىققەت قىلغان بولسىڭىز، تۈركىيە ۋە پاكىستان بىر بىرى بىلەن يېقىن دوست، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغىمۇ ئىجابىي پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. مەن شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭ چۈشەنچەمدە، تۈركىيە ۋە پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شەرقىي تۈركىستانغا پايدا ئېلىپ كېلىش دەپ قارايمەن ۋە شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سوئال:
ھۆرمەتلىك پروفېسسور ئوياخانىم، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ؟
جاۋاپ:
ئەلۋەتتە بار، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئويلايدىغان، ئۇلارنى سۆيگەن، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۈمىد قىلغان بۇ يەردە 72 مىليون ئىنسان بار، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، قەلبىمىز ئۇلار بىلەن بىرگە، خۇدايىم بۇيرىسا بۇ قىيىن كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلار ياخشى كۈنلەر بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇچرىشىدۇ، ئۇلارغا دۇئا ۋە سالام يوللايمەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.