خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلىكى 1926-يىلى ئىجتىمائىي ئادالەت، ئىشچىلار ھوقۇقى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەرەپدارى بولغان بىر گۇرۇپپا ژۇرنالىستنىڭ بىر ئارىغا جەم بولۇشى بىلەن قۇرۇلغان بىر ئاممىۋى تەشكىلات. مەركىزى بېلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بولغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھازىر دۇنيا مىقياسى بويىچە 600 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى ۋە 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە تارماق ئىشخانىلىرى بار بولۇپ، بۇ تەشكىلات ھەرقايسى ئەللەردىكى ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش، كۆزىتىش خىزمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ژۇرنالىستلارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس فوند تەسىس قىلىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، يۇنېسكو، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، قىزىل كرېست جەمئىيىتى، ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىق مۇھىم ئورگان-قۇرۇلۇشلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ.
بىرلىك يېقىندا خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ 2011-يىلىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكى، مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكى، خەلقنىڭ توغرا مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشى، خەۋەرلەرنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋەزىيىتىنى بىرمۇ-بىر ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ چىققان. بىرلىكنىڭ ئېيتىشىچە، 2011-يىلى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار بىر يىل بولۇپ، خىتايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. 2011-يىل ئىچىدە خىتايدا ئەڭ ئاز دېگەندە بىر مۇخبىر ئۆلگەن، بىر ئايال مۇخبىر ئېغىر يارىلانغان. ئەڭ ئاز دېگەندە 16 مۇخبىر ئىشىدىن قوغلانغان. بىر قانچە ژۇرنال ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
2011-يىلى ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات نازارەت ئورگىنى بولغان خىتاي مەركىزى تەشۋىقات ئىدارىسى ئارقىلىق بىر قانچە قېتىم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى»، يۈننەننىڭ يىڭجاڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى، ۋۇكەن خەلقىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا ئوخشاش مۇھىم ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان. ھېچقانداق ئاخبارات ئورگانلىرى ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتمىغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاخباراتنى كونترول قىلىش ئەھۋالىنىڭ 2011-يىلىدىكى ئەڭ تىپىك مىسالى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋېنجۇدا يۈز بەرگەن پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئەينى چاغدا پۈتكۈل نەق مەيداننى قامال قىلغاندىن كېيىن، پويىزنى پاتقاق بىلەن كۆمۈۋەتكەن. ۋەقە بولۇپ ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكىچە ھېچقانداق رەسمىي ئۇچۇر تارقىتىلمىغان. كېيىن ئالاقىدار ئەمەلدارلار پەقەت مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغىلا ئۇچۇر بەرگەننىڭ سىرتىدا، باشقا ھېچقانداق ئاخبارات ئورگىنىنى قوبۇل قىلمىغان. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 24-ئىيۇل كۈنى ئاخىرى تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئەمما باياناتچى ۋاڭ يۇڭپىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا تولۇق جاۋاب بەرمىگەن. مۇخبىرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن پويىز كۆمۈۋېتىلدى، دېگەن سوئالىغا ئۇ «قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆمۈۋېتىلدى. سەن ئىشەنسەڭمۇ، ئىشەنمىسەڭمۇ سەۋەبى شۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلات يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى خىتايدىكى خەلق ئاممىسىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇرلارنىڭ قامال قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ قايسى دەرىجىدە ۋەھىمىلىكلىكىنىڭ تىپىك ئۆرنىكى دەپ تەنقىد قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات ئىدارىسى يەنە ھەر قايسى ئاخبارات ئورگانلىرىنى ۋەقە ھەققىدە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەنلىكى، رەھبەرلەرنىڭ ۋەقەگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ئوخشاش تەشۋىقاتنى كۆپرەك قىلىشقا بۇيرۇغان. خىتايدىكى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن مۇخبىرلار بىرلىكى دوكلاتىدا ئوخشاش ئەھۋالنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىمۇ سادىر بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى چىرىكلىك، ساختىپەزلىك، پارىخورلۇققا ئوخشاش جامائەتنىڭ مەنپەئىتىگە تاقىشىدىغان خەۋەرلەرنى ئىشلىگەن نۇرغۇن مۇخبىرلار يا ئۆلتۈرۈلگەن، ياكى تاياق يەپ، تەھدىتكە ئۇچرىغان. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك بولغىنى، بەزى چوڭ دېلولار ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن مۇخبىرلار ساقچىلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان. مەسىلەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە لوياڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى لى شياڭنىڭ ۋەقەسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك. يۇندىدىن يېمەكلىك مېيى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنى پاش قىلغان لى شىياڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى، 19-سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەندە ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈك ھالدا بايقالغان. خېنەن ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنى دەرھال بۇلاڭچىلىق دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جامائەت بۇنى مۇخبىرلاردىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ قارىغان ئىدى. خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى دوكلاتىدا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇخبىرلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇققا ۋە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراش، خىزمەتتىن ھەيدىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي مىساللىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، خىتايدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
دوكلاتتا يەر ئالغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراش ئەھۋالى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا خۇددى «بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقىنى چاچقۇچى» لارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇنىڭغا ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى مەزگىلدە نامايىش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلغىلى كەلگەن ۋە شۇنداقلا ئەما پائالىيەتچى گاۋ جىشىڭنى زىيارەت قىلماقچى بولغان مۇخبىرلارنىڭ خۇددى قۇتراتقۇچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئوخشاش گەۋدىلىك مىساللار كۆرسىتىلگەن.
تەشكىلات دوكلاتىدا خىتايدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ھەققىدە تولۇق ۋە توغرا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئىمكانىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئىنتېرنېتتىمۇ بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭغا 2011-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
-7-ئاينىڭ 30-ۋە 31-كۈنلىرى ساقچى دائىرىلىرى 8 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، بۇندىن ئازراق ئىلگىرىلا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 40 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى. 1-ئاۋغۇست كۈنى ساقچى دائىرىلىرى 5 كىشىنى تېررورچى دەپ ئېتىپ ئۆلتۈردى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر پەقەتلا شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىدىلا ئېلان قىلىندى. كىشىلەر ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلمەيدۇ، شۇ كۈنى زادى نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مۇستەقىل بىر كۆز قاراش ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ باقمىدى.
تەشكىلات ئوخشاش ئەھۋالنىڭ تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى ۋەقەلەردىمۇ كۆرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. تەشكىلات مەزكۇر دوكلاتىدا، خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، خوڭكوڭنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى خاتىرىسىنىڭ 2011-يىلى كۆرۈنەرلىك ھالدا چېكىنگەنلىكىنى قەيت قىلىپ، بۇنى دېموكراتىك بىر خوڭكوڭ ئۈچۈن ۋەھىمىلىك دەپ كۆرسەتكەن.