بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن، چەتئەل مۇخبىرلىرى بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
8 - ئاۋغۇست بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى، بىراق كۆپلىگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاي دائىرىلىرى ۋەدە قىلغاندەك ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلەمدۇ، بۇ يەنىلا نۆۋەتتىكى غۇۋا بىر مەسىلە دەپ قارىماقتا.
مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، بېيجىڭنىڭ بۇ تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت 5 نۇقتىنى ياخشىلىشىنى يەنى، سىياسىي سەۋەب تۈپەيلى قولغا ئېلىنغان بارلىق مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى، ساقچىلارنىڭ ئولىمپىك يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى " تازىلاش" خاراكتېرلىك قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم Corina Barbara Francis نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتقانلىقىنى، تىبەتتە قولغا ئېلىنغان 1000 دىن ئارتۇق تىبەتنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن كورىنا باربارا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زادى قانچىلىك تىبەتلىكنى قويۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر سان ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
كورىنا باربارا يەنە،": بېيجىڭنىڭ قولغا ئېلىنغان 1157 نەپەر تىبەتلىكنى قويۇپ بەرگەنلىكى ماختاشقا سازاۋەر بىر ئىلگىرىلەش، بىراق بىزنىڭ دىققەت - ئېتىبارىمىزنى قوزغاۋاتقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ تىبەتتە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىدە تۈرمىگە تاشلىغان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى تولۇق ئېلان قىلمىغانلىقىدا " دېدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خۇ جىنتاۋغا يازغان خېتىدە، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ساننىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلىنىشىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، يەنە قولغا ئېلىنغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنىمۇ تەلەپ قىلغان.
بۇ تەشكىلاتنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا باھا بېرىلگەن، دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قارىتىلغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بېكىتكەنلىكىنى، بىر قىسىم مۇخبىرلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، توپىلاڭ جەريانىدا تۈرمىگە تاشلانغان مۇخبىرلارنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھەمكارلاشقانلىقىنى، لېكىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بولۇپمۇ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا قاتتىق چەكلىمىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭغا قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات ئېلان قىلىش ئىشخانىسىدىكى بىر خادىم، مۇخبىرلار تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، ئومۇمىي ئەھۋالنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، خىتاينىڭ ئاخباراتچىلىق ئەركىنلىكىدە يۈز بېرىۋاتقان نۇقسانلارنى ئاقلاشقا تىرىشقان ۋە يەنە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويغان: " جۇڭگو، ناھايىتىمۇ چوڭ، شۇڭا ھەر قايسى جايلاردىكى پەرقمۇ ناھايىتى چوڭ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇنداق - مۇنداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشى تۇرغان گەپ، ئەمما بۇ ئومۇميۈزلۈك ئەمەس، بىز ئۆزىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش جەريانىدا جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشىنى سورايمىز."
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى كورىنا باربارانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مۇخبىرلارغا قاراتقان بۇ يېڭى قائىدە - تۈزۈمى جۇڭگو مۇخبىرلىرىغا قارىتىلمىغان بولۇپ، ئولىمپىك مۇراسىمى ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ يەنە ئۈنۈم بېرىشى كىشىنى گۇمانغا سالىدىكەن.
ئۇ يەنە " مۇخبىرلارغا قارىتىلغان بۇ قائىدە - قانۇن ۋاقىتلىقلا بولىدۇ، بىز شۇنى چۈشىنەلمەي قالدۇق، ئولىمپىك مەزگىلىدە ئىگە قىلىدىغان زىيارەت ئەركىنلىكى ئولىمپىك ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئۆزىنىڭ كۈچىنى يوقىتامدۇ؟ جۇڭگونىڭ مۇخبىرلارغا بولۇپمۇ، جۇڭگولۇق مۇخبىرلارغا مەڭگۈ ئەركىنلىك بېرىش ئىقتىدارى يوقمۇ ؟ " دېدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ 2001 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكىگە تامامەن ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.