بۇ بىر يىلدا خىتاي بىلەن ئىران مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغان دۆلەتلەر بولۇپ قالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقاپ، تور باشقۇرغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى 2009" - يىلى ئاخبارات ئۇچرىغان يېڭى ھۇجۇم" دېگەن ماۋزۇدا دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ بىر يىلنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر يىل بولۇپ قالغانلىقىنى، خىتاي بىلەن ئىران مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىتاينىڭ يېقىنقى 11 يىلدىن بېرى ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە سولايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىشىدۇر.
دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009 - يىلى 12 - ئايغا قەدەر ئاز دېگەندە 24 نەپەر مۇخبىرنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى، تۈرمىدىكى ئاخبارات خادىملىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئەركىن قەلەمكەشلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن بۇرۇن ئۇيغۇر تورچىلىقى تېز تەرەققى قىلىپ، ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتى ۋە تور جامائىتى شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن زەربە بېرىش نىشانىنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە قارىتىپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە جامائەت پىكىرى تەييارلاش رولى ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇيغۇر توربەتلىرىنى پۈتۈنلەي تاقاپلا قالماي تور بەت ئىگىلىرىنى، تور باشقۇرغۇچىلارنى ۋە توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، "شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان تورداشلارنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى دوكلاتتا، 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن "دىيارىم" تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى دىلشات پەرھاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، " ئۇيغۇربىز " تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىلھام توختىنى تۇتۇپ، بىر يېرىم ئاي قاماپ قويغانلىقىنى، "ئۇيغۇربىز " تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى غەيرەت نىيازنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
دىلشات پەرھات "5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن، خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى ئېلىنالماي كېلىۋاتقان تور يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. دىلشات پەرھاتنىڭ ئەنگلىيىدىكى ئاكىسى دىلمۇرات پەرھات، ئىنىسىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2008 - يىلى يۈز بەرگەن تىبەتتىكى لخاسا ۋەقەسى ۋە 2009 - يىلى يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئوخشىمىغان تاكتىكا قوللانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەرنىڭ لخاسا ۋەقەسىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، لېكىن ئۈرۈمچى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ۋەقەنى خەۋەر قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەينى چاغدا خىتاينىڭ بۇ نورمالسىز ھەرىكىتى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر ئىستىسنائى ۋەقە بولۇپ، ئاخبارات كونترولى بۇنىڭ بىلەن يەڭگىللىمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە سەۋەب بولغان گۇاڭدۇڭدىكى زاۋۇتقا ۋە قەشقەرگە ئوخشاش 2008 - يىلى ۋەقە يۈز بەرگەن ۋەزىيىتى نازۇك ئۇيغۇر شەھەرلىرىگە كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى زاتلار، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى يوق ئۇيغۇر تور بەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ سانى 100 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دىيارىم تور بېتىدىكى دىلشات پەرھاتنىڭ ئاكىسى دىلمۇرات ئەپەندى، 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىغا زەربە بېرىشتىكى باھانىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇخبىرلار قوغداش كومىتېتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" ۋە "شىنجاڭ قانۇن گېزىتى"نىڭ سابىق خىزمەتچىسى، "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى غەيرەت نىيازنى قولغا ئېلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.
غەيرەت نىياز 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن خوڭكوڭ مەتبۇئاتىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىشتىن بىر - ئىككى بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىگە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 5 - چېسلا نامايىش قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، نامايىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نۇر بەكرىنىڭ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لوندوندىكى دىلمۇرات ئەپەندى، دائىرىلەرنى 5 - ئىيۇلدىكى نامايىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان كىشىلەرنىڭ يالغۇز غەيرەت نىياز ئەمەسلىكىنى، دىلشات پەرھات بۇ ئۇچۇرنى 2 - چېسلا خىتاينىڭ تور باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئېرەن قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا 2009 - يىلى، مۇخبىرلار ۋە توردا ماقالە يازىدىغان ئەركىن قەلەمكەشلەر ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۇ بىر يىلدا ئۆلتۈرۈلگەن ھەر قايسى ئەللەردىكى مۇخبىرلارنىڭ سانى 71 نەپەر بولۇپ، تۈرمىگە سولانغانلارنىڭ 136 گە يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.