مۇختار شاخانوف ئەپەندى «تۈرك دۇنياسىدا دىنىي ۋە مىللىي بايراملار» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ فەتھىيە شەھىرىگە كەلگەن.
يىغىننىڭ 21-مارتتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان مۇختار شاخانوف، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالدى. يىغىن جەريانىدا بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق. سۆھبىتىمىزدە ئۇ، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئۆزى پارلامېنت ئەزاسى مەزگىلىدە بۇ مەسىلىنى بىرنەچچە قېتىم قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىگە ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ھۆرمەتلىك مۇختار شاخانوف ئەپەندى سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز قانداق؟ مۇختار شاخانوف كىم؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
- ھازىر مېنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىم باشقىچە. بىر كىشى مەيلى يازغۇچى بولسۇن، مەيلى ئاخۇن بولسۇن، مەيلى مىنىستىر بولسۇن، مەيلى پرېزىدېنت بولسۇن، ئۆز مىللىتىنىڭ، ئۆز دۆلىتىنىڭ كېلەچىكىنى ئويلىمىسا، مەن ئۇنى ئۇ مىللەتنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىمايمەن. ھەممە كىشى ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى، كېلەچىكى ھەققىدە باش قاتۇرۇشى كېرەك. ئۆز خەلقى بىلەن بىرگە بولۇشى كېرەك. مەن تۈرك دۇنياسىنىڭ تەقدىرى، قازاق مىللىتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر شائىر.
ھۆرمەتلىك مۇختار شاخانوف ئەپەندى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
- مېنىڭ شېئىر ۋە پوۋېستلىرىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللار ۋە خىتايچە بولۇپ 7 تىلغا تەرجىمە قىلىندى. شېئىر تەرجىمىسى بىر ئاز قېيىن ئىش. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ كومىتېتىمۇ بىر قانچە تىلغا تەرجىمە قىلدۇردى.
ھۆرمەتلىك مۇختار شاخانوف ئەپەندى سىزگىمۇ مەلۇم، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغىلى 20 يىل بولدى، تۈركىي خەلقلەر ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن بىر-بىرىنى تونۇشقا، بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، سىزچە، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتتە سىز ئارزۇ قىلغان سەۋىيىگە ئۇلاشتىمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
- بىز مۇستەقىل بولغىلى 20 يىل بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىمىزغا 1986-يىلى ئالماتادا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ سەۋەبچى بولدى. بۇ قوزغىلاڭنىڭ مەيدانغا چىقىشى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاق تىلىنى مائارىپتا ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، خەلقنىڭ ئەركىن سۆزلەش ھەققى يوقلۇقى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ مېنى قىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. مەسىلەن، ئۇ ۋاقىتتا ئالماتادا بىرلا قازاق تىلى مەكتىپى بىلەن بىر قازاقچە يەسلى بار ئىدى. رۇسلارنىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 1986-يىلى ئالماتادا نامايىش قىلدۇق. بۇ نامايىشتا مەن ئالدىنقى سەپتە ئىدىم. مېنى بورىس يېلتسىن، داڭلىق رۇس يازغۇچىسى ساخاروف قاتارلىق كىشىلەر قوللاپ-قۇۋەتلىگەن ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قازاقىستاندا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان كادىرلارنىڭ 80% ئى ئانا تىلىنى ئوقۇپ يازالمايدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ كۆپى دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى، قازاق خەلقى ئۆز ئىچىدىن چىققان بۇ خىل ئۆز خەلقىنى خور كۆرىدىغان قازاقلاردىن بىزار بولۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ چىرايى قازاق، ئەمما روھى تامامەن رۇسلىشىپ كەتكەن ئىنسانلار. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى رۇس روھىغا ئىگە بۇ كىشىلەر ھاكىمىيەت بېشىدىن چۈشمىگۈچە تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكىلى بولمايدۇ.
مۇختار شاخانوف ئەپەندى، ئۇنداقتا سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان تىل سىياسىتىگە قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
- مەن 4-5 يىل بۇرۇن قازاقىستان پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى ۋاقتىمدا خىتايدىكى مىللىي مەكتەپلەردە نېمە ئۈچۈن ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىلمايدۇ دەپ، بۇ مەسىلىنى قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەن ئىدىم. خىتاي ھازىر رۇسلارنى ئۆرنەك ئېلىۋاتىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىن مەزگىلىدىمۇ، خېروششوف مەزگىلىدىمۇ، برېژنېف مەزگىلىدىمۇ تۈركىي تىللاردا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى مېنى قىلغان ئىدى. خىتايمۇ رۇسلارنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاققا ئوخشاش خەلقلەرنىڭ تىلىنى مېنى قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى توغرا ئەمەس، ھەرقانداق مىللەت ئۆز تىلىدا مائارىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك. خىتاينىڭ بۇ خاتا سىياسىتىگە پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشى، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.