ھەسەنجان ئۆينىڭ تۆۋرىكى ئىدى


2006.07.04

19 - ئىيۇن كۈنى گۇاڭجۇ ساقچىلىرىنىڭ ئەمدىلا 19ياشقا كەلگەن ئۇيغۇر ياش ھەسەنجان روزىنى چوڭ كوچىدىلا ئېتىپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى، گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلاردا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان.

-20 ئىيۇن كۈنى ساقچىلارنىڭ ئۆكتەملىكىدىن نەپرەتلەنگەن 200 گە يېقىن ئۇيغۇر سودىگەرلەر گۇاڭجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ "بىز سىلەرنىڭ تەلىۋىڭلارنى ئورۇندايمىز، ھەسەنجاننىڭ ئۆلۈمىنى ئېنىقلاپ توغرا بىر تەرەپ قىلىمىز" دەپ ئۇيغۇرلارنى تارقاتقان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر مەزكۇر مەسىلە ھەل بولمىدى.

ھەسەنجاننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ۋاقىتسىز ھاياتىدىن ئايرىلغان ھەسەنجاننىڭ ياش ئايالى ئەمدىلا ئۈچ ئايلىق بولغان ئوماق ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ ئوغلىغا " ئاتاڭ ناھەق كەتتى... ئۇ بىزنى سۆيەتتى... بۇ ناھەقچىلىك بۇنداقلا كەتمەيدۇ، بۇنداقلا كەتمەيدۇ...." دەپ ياش تۆكمەكتە. ھەسەنجاننىڭ ئايالى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ سۆھبەتلەشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.