"ئىتتىپاق" گېزىتى ھەيئەت ئەزاسى نامانوپ ئەسئەت بېشكەكتە ۋاپات بولدى

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىدىغان "ئىتتىپاق" گېزىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ، مەزكۇر گېزىت يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى ئىزچىل نەشر قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىيات ئەپكارلىرىنىڭ بىرىدۇر. نامانوپ ئەسئەت مەزكۇر گېزىتنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەھرىر ھەيئەت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زاتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ يېقىندا كېسەل سەۋەبىدىن بېشكەكتە ۋاپات بولدى.

0:00 / 0:00

بېشكەكتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇنىڭ جىنازا نامىزىدا سۆزگە چىقىپ، نامانوپ ئەسەتنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.