ئىستانبۇلدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 2-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن2011-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇل «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2011.07.07
alperen-ojaqliri-5-iyul-305.jpg «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى. 2011-يىلى 5-ئىيۇل. ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ كۆپ ساندا ئەزالىرى قاتناشتى، يىغىندا ئىستانبۇل «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» نىڭ باشلىقى گۈۋەن ھىزاجى ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ سۆز قىلدى.

گۈۋەن ھىزاجى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەيىبلىك ۋەقە ھېسابلانغان ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 2-يىللىقى بولۇپ، 2009-يىلى 6-ئايدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگۈەن شەھىرىدە بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا باشلانغان ۋەقەلەر 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلارغا قارشى چوڭ بىر قەتلىئامغا ئايلاندى.»

alperen-ojaqliri-5-iyul1-385.jpg
«ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى. 2011-يىلى 5-ئىيۇل. ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

گۈۋەن ھىزاجى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىنسانى، دىنى، مىللىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان مەھبۇسلار ئۆلكىسى شەرقىي تۈركىستاندا، پىكىر ئەركىنلىكى، ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۇياقتا تۇرسۇن ئىنسانلار كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداشتا بېسىمغا ئۇچرىماقتا. يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىق جەھەتتە خىتاي نوپۇسىنىڭ يېرىمىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ كېلىۋاتقان بىر جۇغراپىيىلىك ئۆلكە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىدىن يوق دېيەرلىك مىقداردا پايدىلانماقتا. ئاتوم بومبا سىناق قىلىش ھازىرمۇ بۇ رايوندا داۋام قىلماقتا.»

گۈۋەن ھىزاجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تۈركلىرى كۆپ ساندا ياشايدىغان رايونلارغا خىتايلار كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي بىر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان تۈركىيىگە تېخىمۇ ئۈمىد كۆزلىرى بىلەن قارىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنىڭ سىياسىي قايغۇنىڭ قۇربانى قىلماستىن تاشقى تۈركلەر ئىدارىسى ۋە تكا (تۈركىيە ئىقتىسادىي ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى) غا ئوخشاش رەسمىي ئورگانلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشقا چاقىرىق قىلىمىز.»

alperen-ojaqliri-5-iyul2-385.jpg
«ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى. 2011-يىلى 5-ئىيۇل. ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

تۈركىيە «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى 2011-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلىندى.

تەشكىلاتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: دۇنيا جۇغراپىيىسىدە داۋاملىق زۇلۇمنىڭ دۈشمىنى، مەزلۇمنىڭ دوستى بولۇپ كەلگەن تۈركىيە قان قېرىندىشىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن ئۈمىد بىلەن بىر كۈنى بۇ زۇلۇمنى توختات دەيدىغان كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 1949-يىلدىن بۇيان بەزى تۇغۇت چەكلەش نام ئاستىدا بەزى تېررورلۇق پائالىيەتلەر دېگەن بەتنام بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئاملار بۈگۈنكى كۈندە كەلگەندە مەخپىيىتى قالمىدى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قايغۇلىنىش قېرىنداشلىرىمىز ئۇچرىغان زۇلۇمنى توختىتالمايدۇ.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بىز «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەلەستىندە، چېچەنىستاندا، بوسنىيىدە ۋە قاراباغدا سۈكۈت قىلمىغانغا ئوخشاش ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرمايمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ خەلقئارالىق پۈتكۈل سەھنىلەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى تىلغا كەلتۈرۈشىنى ۋە بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.

«ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شۆبىلىرى بولغان ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ بۇ تەشكىلاتنىڭ تۈركىيىدىكى تەسىر دائىرىسى كەڭ، ئاكتىپ پائالىيەت قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى. بۇ تەشكىلات خىزمەت ۋە پائالىيەتلەردە تۈركىيىنىڭ بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.