ئۇيغۇر ئېلىدە زادى قانچىلىك نامرات بار؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە زادى قانچىلىك نامرات بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قايسى دەرىجىدە نامرات ئىكەنلىكىنى يەنىلا يوشۇرۇپ كەلمەكتە.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.02.08
Uyghur-ayalliri-bowaq-305.jpg 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 31 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻕ.
AFP Photo

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئون يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليون 840 مىڭ ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتتى شۇنداقلا "12-بەش يىللىق پىلانى بويىچە يەنە 1000 نامرات يېزا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نۇقتىسى قىلىنىپ، بىر مىليون نامرات ئازايتىلىدۇ" دەپ ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ ئالدىغا تىزىلىدىغان نامرات رايوننىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ 2001-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر تارقاتقان خىتايدىكى نامرات رايون، ناھىيە، يېزىلارنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدىكى ستاتىستىكىلىق دوكلاتلاردا ئۇيغۇر ئېلى ئىزچىل ھالدا نامراتلار نوپۇسى ئەڭ زىچ ئالدىنقى ئۈچ رايوننىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدە زادى قانچىلىك نامرات بار؟ ئۇلارنىڭ نامراتلىق ئەھۋالى قايسى دەرىجىدە؟

بۇ سوئاللارغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامراتلىق ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان مەلۇماتلىرىدىن جاۋاب تاپماق تەس. چۈنكى بۇ دوكلاتلاردا ئوخشىماسلىق ۋە كىشىنى ئىككىلەندۈرىدىغان زىددىيەتلەر مەۋجۇت ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي نامراتلىق ئەھۋاللىرى كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن. يېقىنقى مەلۇماتلارنىلا مىسال ئالساق، 2007-يىلى 16‏-يانۋار شىنخۇا تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ "ئاپتونوم رايوندا نامراتلار نوپۇسى ئەسلىدىكى ئۈچ مىليون 290 مىڭدىن، ئىككى مىليون 240 مىڭغا ئازلىدى" دېيىلگەن. ئارقىدىنلا يەنى 2007-يىلى 9-مارت خىتاي خەۋەر تورىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ " نامراتلار نوپۇسى 2001 -يىلىدىكى ئىككى مىليون 850 مىڭدىن ئازلاپ، 2006-يىلى بولسا بىر مىليون 530 مىڭغا چۈشتى " دېيىلگەن.

نامراتلار ھەققىدىكى تارقاتقان بۇ ساننىڭ قايسىسى توغرا؟

ھەتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سېكرېتار بولغان جاڭ چۈنشەن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ۋە تۆت ئايدىن كېيىنكى ئېلان قىلىنغان نامراتلار سانىدا زور پەرق بولۇپ. -2010 يىلى -8 يانۋاردا شىنخۇا تورى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدە نامراتلار نوپۇسىنىڭ 2مىليون 490 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما، جاڭ چۈنشەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ تۆت ئايدىن كېيىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلار نوپۇسى ئىككى مىليون 270 مىڭغا يەتتى دەپ كۆرسەتتى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى يىلدا 250 مىڭ نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى بار، ئەجەبا جاڭ چۈنشەن تۆت ئاي ئىچىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدە 220 مىڭ نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردىمۇ؟

بۇ ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك خەۋەرلەردىن باشقا يەنە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ، ئاپتونوم رايون رەئىسلىرىنىڭ، مۇناسىۋەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتىكى نامراتلىق ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان سانلىرى داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرماقتا.

جاڭ چۇنشەن ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پارتكوم باش سېكرېتارلىقىغا قويۇلغان ھامان، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى ئاخباراتلاردا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. جاڭ چۈنشەن "2020 -يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىن نامراتلىق ئاتالغۇسى سۈپۈرۈپ تاشلىنىپ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ" دېدى. بۇ غايە. ئەمدى رېئاللىقنى كۆزەتسەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭرىتاغ تورىدا 7-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئون يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 30 ناھىيە-يېزىدا نامراتلارنى يۆلەش نۇقتىسى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 2000-يىلىدىكى 980 يۈەندىن، 2010-يىلدىكى 3 مىڭ 426 يۈەنگە ئۆستۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 29-يانۋار "بوشۈن" تۈرىنىڭ "ئۇيغۇر بىز" تورىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، 2010-يىلىدا قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق رايونلاردا دېھقانلارنىڭ كىرىمى 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە بولغان. بۇ ئىككى خەۋەردىكى كىرىم سانىدىمۇ زور پەرق مەۋجۇت.

ئۇيغۇر ئېلىدە مەملىكەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيىگە كىرگۈزۈلگەن 27 ناھىيە بار، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئۈچ ۋىلايەت ھەم بىر ئوبلاستقا تارقاقلاشقان. خوتەن نامرات ناھىيە ئەڭ جىق ۋىلايەتتۇر. بىز بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم ئەھۋالى ھەققىدە بىر قانچە دېھقانلاردىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىنمۇ، دېھقانلارنىڭ ھەقىقىي كىرىمىنىڭ بۇ خەۋەرلەردىكىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامراتلىق ئەھۋالى ھەققىدىكى ھۆكۈمەت دوكلاتلىرى ۋە ئاخبارات ئېلانلىرى شۇنداقلا بۇ ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرغاندا، بۇ خەۋەرلەرنىڭ قايسىسىغا، كىمنىڭ دېگىنىگە ئىشىنىش كېرەك ؟ دېگەن مەسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى، شۇنداقلا دېھقانلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتى ياكى ستاتىستىكىلىق دوكلاتى بولماستىن، بەلكى كىمنى قانداق قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.