ئۇيغۇرلار نامراتلىقتا قايسى دەرىجىگە يەتتى؟

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە ھەر ئالتە ئادەمنىڭ بىرىنىڭ نامراتلار سېپىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدەر نامراتلىشىپ كېتىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق نامراتلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە نامراتلىقتا ئەڭ تۆۋەن چەكتە ياشاۋاتقان 9 مىڭ كىشىگە «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى» تارقىتىپ بەرگەن. پىلان بويىچە، بۇ ناھىيىدىكى 20 مىڭ نامرات كىشىگە «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى» تارقىتىپ بېرىش كېرەككەن.

«يوپۇرغا ناھىيىسى 9 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىپ بەردى» ناملىق بۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ خىل كارتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا، داۋالىنىش ھەققىگە ۋە قەرز ئېلىش ئىمكانىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

دىققەتنى چېكىدىغان نۇقتا، ئومۇمىي نوپۇسى 122 مىڭ بولغان يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى ھەر ئالتە ئادەمدىن بىرىنىڭ نامراتلار سېپىگە تەۋە بۆلىشىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى «ھالقىما تەرەققىيات» ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋات» قانلىقىنى داۋراڭ قىلىۋاتقان بىر زاماندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر ناھىيىنىڭ ئۆزىدىلا نامراتلار سانىنىڭ بۇ قەدەر كۆپلۈكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۇر مەركىزى» نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى بۇ توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىش مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

كۈرەش ئاتاخان، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر زامان پارتلىشى مۇمكىن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى نامراتلىقتا ئەڭ تۆۋەن چەكتە ياشاۋاتقان 9 مىڭ كىشىگە «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى» تارقىتىپ بەرگەنلىك مەسىلىسىگە قارىتا گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.