ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ باي بولالماسلىقى ئۇلارنىڭ ھورۇنلىقىدىنمۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىندا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمنىڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بەزى ئوبيېكتىپ ئامىللاردىن باشقا سۇبيېكتىپ ئامىللار ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىدا ھورۇنلۇق، جاپاغا چىدىماسلىق، ئىش ياراتماسلىق، يەرگىلا باغلىنىش كەيپىياتى ئېغىر بۇ ئۇلارنى پۇل تېپىش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قىلماقتا دېگەننى ئوتتۇرغا قويغان.

بۇنىڭغا قارىتا ئالدىنقى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۇ پروگراممىمىزدا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.