نامراتلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى بېسىقامدۇ؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.07.28
2010.07.28
تۆۋەندە، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ گومىڭلارنى زىيارەت قىلىپ تەييارلىغان تەپسىلىي مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 26 - ئىيۇل كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوندىكى 30 نامرات ناھىيىدە نۇقتىلىق تۈردە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 12 - قېتىملىق بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرىغىچە نامرات ئاھالىدىن 1 مىليوننى ئازايتىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە يەنە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت نامراتلارنى يۆلەپ راۋاجلاندۇرىدىغان نۇقتىلىق ناھىيىدىن 27 سى، ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەپ راۋاجلاندۇرىدىغان نۇقتىلىق ناھىيىدىن ئۈچى بارلىقى شۇنىڭدەك 2 مىليون 270 مىڭ ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش شۇئارى جار سېلىنغاندىن سىرت، بۇ يىل 17 ناھىيىدە نۇقتىلىق تۈردە نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە 130 مىليون يۈەن ئاجراتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ گومىڭ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا، ئاپتونوم رايون كەلگۈسى 10 يىلدا دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 2010 - يىلىغىچە نامرات دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى توختىماستىن تەشۋىق قىلىنىۋاتقان مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم ھوقۇقدارلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىل نامراتلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئېقىپ كىرگەن نامرات يېزا ئاھالىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، شۇڭا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنى ياخشىلاش ئىستراتېگىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇنداقتا، نامراتلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنسا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى بېسىقامدۇ؟ بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ گومىڭنى زىيارەت قىلدۇق.
جاۋ گومىڭ دەسلەپ " سەن نېمە قىلىدىغان ئادەم ؟ " دەپ بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفۇن ئۇرۇۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن ":مەن زىيارەتنى رەت قىلىمەن، چۈنكى بۇ مەسىلىدە مەن چەتئەل مۇخبىرىلىرىنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلىمەن " دېدى.
ئەمما بىز ئۇنىڭدىن" سىلەرنىڭ نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىڭلار ئىنتايىن ياخشى بىر ئىشقۇ ؟ بۇ ھەقتە سىزنى زىيارەت قىلساق، نېمە ئۈچۈن رەت قىلىسىز ؟ "دەپ سورىدۇق. بىزنىڭ سۆزىمىز ئۇنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەب بولغان بولىشى مۇمكىن ئۇ يەنە بىر قېتىم " سەن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدىنمۇ؟ " دەپ سوراپ، بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن " ھە گېپىڭنى باشلا" دەپ بىزنىڭ " نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى نىمە ؟ " دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشكە باشلىدى:
" نۆۋەتتە، مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئاپتونوم رايونغىچە ھەل قىلىنىدىغان مەسىلە خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى بولماقتا، بۇ مەسىلىگە ھۆكۈمەت ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرمەكتە، شۇڭا نامرات رايونلارغا مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتمەكتە " دېدى.
بىز ئۇنىڭدىن يەنە " سىلەر ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خەلقنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلى مەيدانغا كەلدى دەپ قارامسىلەر؟ "دەپ سورىدۇق ؟
جاۋ گومىڭ ئىككىلەنمەستىنلا " ياق، بۇ نامراتلىق مەسىلىسىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۇيغۇرلار پەيدا قىلغان ۋەقە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، سىلەر بۇنداق قارىساڭلار بولمايدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا، نامراتلىق مەسىلىسىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى." دېدى.
جاۋ گومىڭ پارتىيە سىياسىتىنى تەرىپلەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، بىراق بىز ئۇنىڭ سۆزىنى توختىتىپ، ئۇنىڭدىن " بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى نەتىجىسىدە ھازىرقىدەك ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقلار مەيدانغا كەلدىمۇ ؟ " دەپ سورىدۇق.
ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى.
" بۇ، بىرتەرەپلىمىلىك قاراش بولۇپ قالدى، بۇنى سەن، ھە... بىز، ھە... بۇ، بۇرمىلانغان، خىزمەت مەسىلىسىدە ھازىر بىزنىڭ جۇڭگودىلا ئەمەس، ئامېرىكىدىمۇ ئىشسىزلىق ئىنتايىن ئېغىر، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى جۇڭگودىن ئېشىپ چۈشىدۇ، شۇڭا سەن مۇخبىر بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ئادىل خەۋەر قىلىشىڭ كېرەك ".
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى جاۋ گومىڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە رەددىيە بىلدۈرۈپ، دۇنيا خاراكتېرلىك ئىقتىسادى كرىزىس سەۋەبلىك ئامېرىكىدا ھەقىقەتەن ئىشسىزلىق نىسبىىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ مەسىلە يالغۇز بىر مىللەت ئۈستىدىلا مەۋجۈت بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئامېرىكىدىكى ئاقلار، قارىلار ۋە ياكى ئاسىيالىقلار بولسۇن، ھەممىسىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە چەتكە قېقىپ، كەمسىتىپ، خورلاپ، ئۇلارنى بارلىق سىياسىي ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم قالدۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازلىقىنى ھەرگىزمۇ بېسىقتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ھەقتىكى ئاڭلىتىشىمىزنىڭ داۋامىنى ئەتە ئاڭلايسىلەر. دىققەتتە بولغىنىڭلارغا رەھمەت.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.