نەنجىندە يۈز بەرگەن چوڭ پارتلاش ئىشچىلار قائىدىگە خىلاپ مەشخۇلات قىلغانلىقتىن بولغانمۇ؟

29 - كۈنى ئىيۇل كۈنى نەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پلاستىك زاۋۇتىدا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەرگەن ئورۇندىن كۆرۈنۈش ۋە ئاڭلىتىش بېرىۋاتقاندا، تېلېۋىزور سېگناللىرى بىردىنلا توختاپ قالدى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۇچۇر ۋاستىسى بۇ ھەقتە دۆلەت ئىچىگە ئۇچۇر بېرىشنى توختاتتى. ئەمما چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ۋەقەنى داۋامىلىق ئاشكارىلاۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

شىنخۇا ئاگېنتلىقى7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئېنگلىز تىلىدا، نەنجىن پلاستىك زاۋۇتىدا ئەتىگەن سائەت 10 دا پارتلاش يۈز بەردى، ئىشچىلار قائىدىگە خىلاپ مەشخۇلات قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان بۇ ۋەقەدە 6 ئادەم ئۆلدى، 300 ئادەم يارىلاندى دەپ خەۋەر قىلدى. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ بىرلەشمە خەۋىرىدە، نەنجىندە ئۇچتۇمتۇت يۈز بەرگەن پارتلاشتا 12 ئادەم ئۆلدى، كۆپ ئادەم يارىلاندى، دەپ خەۋەر قىلدى.

پارتلاش پىلاستىك زاۋۇتىغا ئۇلىنىدىغان تۇرۇبىدىن ئېقىپ كەتكەن پروپېلغا ئوت تۇتۇشقاندىن كېيىن يۈز بەرگەن

شۇنىڭدىن كېيىنلا، نەنجىندىكى ھازىرقى زامان تېز گېزىتى بۇ ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، سابىق نەنجىن ۋەنخوچاۋ پىلاستىك زاۋۇتىغا قاراشلىق 4 - زاۋۇتنىڭ جىنلىڭ نېفت - خېمىيە زاۋۇتىغا ئۇلىنىدىغان تۇرۇبىدىن ئېقىپ كەتكەن پروپېلغا ئوت تۇتۇشقاندىن كېيىن شىددەتلىك پارتلاش يۈز بېرىپ، بىراقلا ئىككى كىلومېتىر ئارىلىقتا يانغىن كۆتۈرۈلگەن. نەنجىن چاڭجياڭ دەرياسىدىكى ئىككىنچى چوڭ كۆۋرۈككە تۇتىشىدىغان شىشا كوچىسىدا بىر بالىلار باغچىسى، بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بىر كوچا ئاپتوبۇسى ۋەيران بولغان. ئەتراپنى چالا كۆيگەن گاز ھېدى قاپلاپ كەتكەن. قاتناش توختىغان.

نەنجىننىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىنالارمۇ سېلكىنپ كەتكەن، كوچىلاردا پاتپاراقچىلىق باشلانغان. تەرەپ - تەرەپتىن ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرى كېلىشكە باشلىغان. نەنجىن شەھىرىدىكى 8 چوڭ دوختورخانىنىڭ ھەممىسى يارىدارلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.

خىتاي دۆلەت ئىچىگە بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەر بۇ ۋەقەنى داۋاملىق ئاشكارىلاۋاتىدۇ

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، نەنجىن شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نەق مەيداندىن كۆرۈنۈش ۋە ئاڭلىتىش بېرىىپ، يارىلانغان كىشىلەردىن ھازىرغا قەدەر 76 ئادەم ئۆلۈپ بولدى، دەپ بايان قىلىۋاتقاندا، نەنجىن شەھەرلىك پارتكومدىن جىددىي بۇيرۇق كەلگەن، تېلېۋىزىيە سېگناللىرى ئۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاينىڭ بەش چوڭ ئۇچۇر ۋاستىسى بۇ ھەقتە دۆلەت ئىچىگە خەۋەر بېرىشنى توختاتقان. ئەمما ھازىر خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە باشقا چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ۋەقەنى داۋاملىق ئاشكارىلاۋاتىدۇ.

يارىلانغان كىشىلەردىن 259 ئادەم ئۆلۈپ بولغان

خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 29 - ئىيول كۈنى، ئۆزىنى نەنجىنلىك دەپ ئاتىغان بىر كىشى ياخۇ ئىنتېرنېت تورىدىكى تىۋىتېر ئارقىلىق، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى نەنجىندە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى مەقسەتلىك ھالدا يۇشۇرۇۋاتىدۇ، 5 - ئايدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىمۇ خەلقتىن يۇشۇرۇپ قالغان ئىدى دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. مەلۇم بىر مەخپىي ئورگاننىڭ خادىمى، بۇ ۋەقەدە يارىلانغان كىشىلەردىن 259 ئادەم ئۆلۈپ بولدى، دەپ خەۋەر قىلغان.

خەۋەر بېرىشنى توختىتىش بۇيرۇقىنى جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرىتارى چۈشۈرگەن

مەركىزى ئاگېنتلىقى بۈگۈن، نەنجىن شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا نەق مەيداندىن كۆرۈنۈش ۋە خەۋەر بېرىشنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە بۇ پروگراممىنى ئورۇنلاۋاتقان مۇخبىرنىڭ ئىسمىنى سوراپ تەھدىت سالغان ئەرباب دەل جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرىتارى لياڭ باۋخۇا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

فرانسىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئۇقۇشىچە، ئۆلگەن ئادەم سانى 400 دىن ئاشقان

فرانسىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرى جۇڭگو ياشلار گېزىتى ئارقىلىق نەنجىن پىلاستىك زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەن ئادەم سانى 400 دىن ئاشقانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ سانى 500 دىن ئاشقانلىقىنى ئېنىقلىغان.

خىتايغا نەزەر تور گېزىتى نىڭ خوڭكوڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، نەنجىن گۇلۇ كوچىسىدىكى دوختورخانىنىڭ باشلىقى كۆيۈك بۆلۈمىنىڭ خادىملىرىغا، ئۆلگەن ئادەملەرنى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىش، ئەمما پىلاستىك زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە يارىلانغان 90 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلغان كىشىلەرگە ھازىر قان بېرىلىۋاتىدۇ دەپ جاۋاب بېرىشنى تاپىلىغان.

نەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىنى دۆلەت پۇقرالىرى ئاشكارا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى مەشھۇر سەنئەتكارلار ھازىر، نەنجىن پىلاستىك زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى دۆلەت پۇقرالىرى ئاشكارا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ تەشەببۇس ھازىر ئىنتېرنېتتە، تورداشلار ئارا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.