ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسىنىڭ دارامسالا زىيارىتى
2008.03.21

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى باشلانغان ھىندىستان زىيارىتىدە ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر ۋەقە پېلۇسى خانىمنىڭ دارامسالاغا بېرىپ، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدۇر. ئانالىزچىلار ئامېرىكا دۆلەت نىزامىنىدا پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتتىنلا قالسا 3 - ئورۇندىكى شەخس ئاۋام پالاتا رەئىسىنىڭ جۈمە كۈنى دارامسالانى زىيارەت قىلغانلىقى خىتايغا دالاي لاما تىبەت مەسىلىسىنى تىنچ يولدا بىر تەرەپ قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ شەخس، دېگەن بىشارەتنى يوللاش رولى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، پېلۇسىنىڭ دارامسالانى زىيارەت قىلىپ، تىبەت روھانىي داھىيسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ھىندىستاننى بىئارام قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇ ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ تىبەت مەسىلىسىدە تونۇشىنىڭ ئورتاقلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكتۇر. ئەگەر ھىندىستان خىتاي تۈپەيلى پېلۇسىنىڭ دارامسالا زىيارىتىنى خالىمىغان بولسا پېلۇسىنىڭ بۇ مەزگىلدە ھىندىستانغا كېلىشىنى كېچىكتۈرەلىگەن بولاتتى. پېلۇسىنىڭ زىيارىتى تىبەتتىكى ۋەقەنى دالاي لاما گۇرۇھىنىڭ پىلانىدىكى توپىلاڭ، دەپ ئەيىبلەۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنى خېلى بىئارام قىلىدىغان بىر يۈزلىنىشتۇر. پېلۇسى جۈمە كۈنى دارامسالادىكى راھىبلار، مۇساپىرلار ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە مىڭ كىشىلىك تىبەت جامائىتىگە سۆزلىگەن سۆزىدە، تىبەت مەسىلىسىنىڭ ئەخلاقىي بۇرچ بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
پېلۇسى: "خىتاينىڭ خىتاي ۋە تىبەتتىكى باستۇرۇشىغا قارشى زۇۋان سۈرمىسەك ... ئەخلاقىي سالاھىيەتتىن ئايرىلىپ قالىمىز"
پېلۇسى مۇنداق دەيدۇ، " ئەگەر ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر دۇنياۋى مىقيادا خىتاينىڭ خىتاي ۋە تىبەتتىكى باستۇرۇشىغا قارشى زۇۋان سۈرمىسە، بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئېلىش ئەخلاقىي سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىمىز."

پېلۇسى يەنە تىبەت ۋەزىيىتى دۇنيانىڭ ئادالەت تۇيغۇسىغا رىقابەت ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەتتىكى زوراۋانلىق ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە چاقىردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورال كۈچى ئىشلەتكەنلىكى ئۆزىنى ھەيران قالدۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خەلقئارا مەسىلىلەر ئانالىزچىسى، ئامېرىكا كىرىشتايىن ۋە يوڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەھبىرىنىڭ دارامسالا زىيارىتىنى "دىپلوماتىك بەدەل تۆلەش تەلەپ قىلىنىدىغان ئالاھىدە بىر قەدەم ،"دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى ئىسيانغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ پوزىتسىيىسىگە قارىغاندا كۆپ ئېھتىياتچان دېيىشكە بولىدۇ. بۇش ھۆكۈمىتى خىتاينى ئاشكارە تەنقىد قىلىدىغان سۆز ئىبارىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، تىبەت مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلىش، نامايىشچىلارغا كۈچ ئىشلەتمەسلىك، پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارغا دالالەت قىلماقتا.
بۇش ھۆكۈمىتى خىتاينى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا يەنە دالالەت قىلدى
ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو پەيشەنبە كۈنى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋەقەسىدىكى مەيدانىنى شەرھىلىگەندە خىتاينى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا يەنە دالالەت قىلدى. ئۇ، مۇخبىرلارغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىسنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشام خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشە ۋە قاراشلىرىنى يەتكۈزگەنلىكى ھەم نامايىشچىلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش، كۈچ ئىشلەتمەسلىككە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. پەرىنو مۇنداق دەيدۇ، " بىز ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بىز يەنە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز. بولۇپمۇ بىز ھەر بىر كىشىنىڭ تىنچ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز."

ئانالىزچىلار بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسنى ئۇنىڭ بېرمىدىكى راھىبلار ئىسيانىغا قايتۇرغان ئىنكاسىغا قارىغاندا كۆپ ئىلمان دېيىشكە بولىدۇ، دەپ قاراشماقتا. كرىشتايىن ۋە يوڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىدىكى نۇرى تۈركەل بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى.
پېلۇسى:"سىلەر دۇچ كەلگەن بۇ سىناقلارغا سىلەر بىلەن تەڭ تاقابىل تۇرىمىز ... سىناقلاردا سىلەر بىلەن بىرگە تۇرىمىز"
تىبەتتىكى بۇ قېتىمقى ئىسيانغا كىم جاۋابكار بولۇشى كېرەك ؟ دېگەن مەسىلىدە ئالاقىدار تەرەپلەر بىر - بىرىنى ئەيىبلىمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە دالاي لاما بۇ قېتىمقى ئىسياننى پىلانلىغۇچىدۇر. بۇ قاراشنى ئالدىنقى كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزىنى نەنسى پېلۇسى جۈمە كۈنى دارامسالادا "بىمەنىلىك،" دەپ ئەيىبلىدى.
بۇش ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ دالاي لاما ھەققىدىكى ئەيىبلىشىگە ئىنكاس بىلدۈرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توماس كرىستېنسېن ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، دالاي لامانىڭ تىبەتتىكى ئىسياننى پىلانلىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. نەنسى پېلۇسى دالاي لامانى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاش پىلانىنىڭ ئارقىسىدىكى باش قوللىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.
پرېزىدېنت بۇش 2007 - يىلى 10 - ئايدا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر مۇراسىمدا دالاي لاماغا ئۆز قولى بىلەن تارقاتقان مەزكۇر مۇكاپاتنى ئېلىش شەرىپى، دۆلەت مەجلىسىدە پېلۇسى باشچىلىقىدىكى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ قانۇن چىقىرىشى بىلەن مۇمكىن بولدى. پېلۇسى دارامسالادىكى تىبەت خەلقىغە يەنە "بىز سىلەر دۇچ كەلگەن بۇ سىناقلارغا سىلەر بىلەن تەڭ تاقابىل تۇرىمىز. بىز بۇ سىناقلاردا سىلەر بىلەن بىرگە تۇرىمىز،" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تىبەتلەر خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھەركىتى ئېلىپ بارغان
- تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى
- خىتاي دۆلەت بايرىقى چەتئەلدە ئىككىنچى قېتىم يىقىتىلدى
- 14 - دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى كىم بەلگىلەيدۇ ؟
- تىبەتتە ساقچىلار بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- دالاي لاما: خىتاي دائىرلىرى تىبەتكە ئالى ئاپتونومىيە بېرىلسە، بۇ ئۇيغۇر رايۇنىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدۇ
- دالاي لامانى مۇكاپاتلاش خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
- دالاي لاماغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مىدالى بېرىلدى
- ئامېرىكا ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ "لاما ۋارىسلىرىنى تەيىنلەش بەلگىلىمىسى" گە ئىنكاس قايتۇردى
- خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى (2)
- خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى نامايىشقا دۇچ كەلدى
- خىتاي تىبەتكە ئالى ئاپتونومىيە بېرەمدۇ؟