ئاڭلاۋاتقىنىڭلار 23-ماي كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغول ۋىلايىتىنىڭ ئۇجۇمچىن ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا يۈز بەرگەن موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ يوتۇبقا قويۇلغان نەق مەيداندىكى ئاۋازى.
نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ئۆتكەن ھەپتە 11-ماي كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغول ۋىلايىتى ئۇجۇمچىن ناھىيىسى خورتىغول يېزا قوڭور كەنتىدە، يايلاقتىكى موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ، خىتاي كۆمۈر كان شىركەتلىرىنىڭ يايلاقنى ئىگىلىۋېلىپ، كان ئېچىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەسىدە، خىتاي كانچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرى نامايىشچىلارنىڭ يېتەكچىسى مەرگەننى باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن.
چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىدىن، ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى كېرىد كۇۋاسگالت ئەپەندى ھەم نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ خادىمى دۈگۈرجاپ ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق نارازىلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى موڭغۇللارغا قاراتقان ئۇزۇن مەزگىللىك مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېرىد ئەپەندى نارازىلىق نامايىشىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىل نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدىكى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ھەم بۇ مىللەتلەرنىڭ زېمىن بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا بولغان نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىشى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
- ھازىر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ يەر ئۈستى-يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ھەم يايلاقلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ۋەقەلىرى بارغانچە ئەۋج ئالماقتا. جەنۇبىي موڭغولىيىدىلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان ھەم تىبەتتىمۇ ئوخشاش ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا ھەر ۋاقىت كۆچمەن خىتايلارغا يان بېسىپ، يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا بايلىقىنى ئىگىلىۋېلىش، باستۇرۇش، مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.
ئۇ 11-ماي كۈنى يۈز بەرگەن موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننىڭ خىتاي شىركىتى ئاپتوموبىلى تەرىپىدىن بېسىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى قانۇن بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى نارازىلىق نامايىشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
- بۇ قېتىم شىلىنغول ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن 11-ماي پاجىئەسىدىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەرگەننى ئۆلتۈرگەن ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى، مەرگەن ئائىلىسىگە تۆلەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە، يايلاقتىكى چارۋىچىلارنىڭ كۆمۈر كان ئەتراپىدىكى 200 مىڭ مو دائىرىدىكى يايلاقتا چارۋا بېقىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا خىتاي شىركەتلىرىگە يان بېسىپ، موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ تىرىكچىلىك يولىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشىگە سەۋەب بولغان بۇ قارارنى چىقىرىشى موڭغۇل چارۋىچىلىرىنى غەزەپلەندۈرۈپ، 23-ماي كۈنى شىلىنغول ۋىلايىتىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق نارازىلىق نامايىشنى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نەچچە يۈزلىگەن ساقچى، ئەسكەرلەر ئارقىلىق باستۇرغان. نامايىشقا باشلامچىلىق قىلغان نەچچە ئونلىغان موڭغۇل پۇقراسى قولغا ئېلىنغان. تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردىمۇ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ پارتلىشىغا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە يان بېسىپ، موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلغانلىقى، موڭغۇللارغا قارىتا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.
نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇجۇمچىن ناھىيە بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا يايلاقتىكى چارۋىچىلار ھەم ناھىيە بازىرىدىكى بىر قىسىم موڭغۇللار بولۇپ، نەچچە يۈزلىگەن ئادەم قاتناشقان. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن سېرىنگۈل يايلىقىدىن كېلىۋاتقان 4 يېزىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلىرىنى ناھىيىگە كېلىش يولىدىلا توسۇۋالغىنى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان چارۋىچىلار يېرىم يولدا ئۆز يايلاقلىرىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان.
ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشىغان، ھازىر نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان دۈگۈرجاپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى قارىشىنى ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلدى.
دۈگۈرجاپ ئەپەندى، شىلىنغول يايلىقىدا يۈز بەرگەن موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەم موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ موڭغۇل چارۋىچىلىرى ئۇچراپ كېلىۋاتقان مىللىي كەمسىتىشكە قارشى قوزغالغان بىر قېتىملىق ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىكنى تەنقىدلىدى.
دۈگۈرجاپ ئەپەندى يەنە، بۇ قېتىم موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننىڭ خىتاي ئاپتوموبىلى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ، خاراكتېر جەھەتتىن 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر خىتايدا مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، مىللىي مەنپەئىتى ۋە غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنغان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ھەم موڭغۇللارنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كېرىد كۇۋاسگالت ئەپەندى ھەم دۈگۈرجاپ ئەپەندىلەر، زىيارىتىمىز ئاخىرىدا،خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بۇيان ئۆز قانۇنىدا، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئاسارىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ھەم باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ھەر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا 11-مارت لخاسا ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش نارازىلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇلار يەنە، ئىچكى موڭغۇلىيىدە يۈز بەرگەن 11-ماي ئادەم ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەم 23-ماي نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ 30-ماي كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇش قارارى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.