ئانىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئىككى نارەسىدە بالا خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمىنى كۈتمەكتە

2009-يىلى 9-ئايدا خىتاينىڭ تيەنجىن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 28 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئايالنى خىروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان.

0:00 / 0:00

جازا ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن مەھكۇمنىڭ 7 ۋە 3 ياشلىق ئىككى ئوغلى تيەنجىن شەھەرلىك دارىلتامغا ئاپىرىۋېتىلگەن. ئىككى نەۋرىسىنىڭ دارىلتامدا چوشقا گۆشى يەپ قېلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلغان 54 ياشلىق ئانارگۈل يۇرتى مارالبېشىدىن تيەنجىنگە كېلىپ بالىلارنى ئېلىپ كەتكەن.

ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىككى بالىنى بېقىش ۋە ئوقۇتۇشقا ئامالسىز قالغان ئانارگۈل بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇ تەلىپىدە ئەگەر ئىككى نەۋرىسىنى بېقىۋېلىشنى خالايدىغان ھەم مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرى بويىچە تەربىيىلەش ئىمكانىغا ئىگە كىشىلەر بولسا، 9 ۋە 5 ياشلىق ئىككى ئوغۇل نەۋرىسىنى بېرىۋېتىشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مارالبېشىدىكى ئانارگۈلنىڭ تېلېفون نومۇرى 151-993 47527.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز تەييارلانغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.